تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ناچار كەيپىياتنى ۋاقتىدا تۈگىتىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭرەن، چاۋ جىن خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، بۇ مەركەز 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ توققۇز پىسخىكىلىق ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسىنى ئاچقان بولۇپ، ھازىرغىچە 200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ياردەم سوراش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يۇقۇم تەرەققىياتى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، قىزىق لىنىيەدە قوبۇل قىلىنغان مەسىلىلەر ئەڭ دەسلەپكى يۇقۇمغا بولغان ۋەھىمە، جىددىيلىشىشتىن، ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرغان مەزگىلدىكى ئىچى سىقىلىش، تەشۋىشلىنىش ۋە ئۇيقۇسى تەسىرگە ئۇچراش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئۆزگەرگەن.

  «نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى تەشۋىقاتىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتىمۇ ئومۇميۈزلۈك ھالدا جىددىيلىشىش مەزگىلىدىن تەدرىجىي مۇقىملىشىش مەزگىلىگە كىردى.» شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزى پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسىنىڭ مەسئۇلى، شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق تۈرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مو لەنرۇڭ مۇنداق دېدى: مەركىزىمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى پىسخىك كىرىزىسىنىڭ ئارىلىشىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوللانمىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ ۋە خۇلاسىلەپ، «يۇقۇم قوللانمىسى»نى رەتلەپ چىقىپ، قىزىق لىنىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قولىغا بىرتۇتاش تارقىتىپ، ئەڭ يېڭى نوپۇزلۇق بىلىملەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ يۇقۇمغا نىسبەتەن سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇردى، توققۇز قىزىق لىنىيەنىڭ ھەممىسىنى كەسپىي ئىقتىدارى يۇقىرى پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئاممىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولىدىغان ناچار كەيپىياتقا قارىتا ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشىمىغان تاراتقۇ سۇپىلىرى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىشنى يولغا قويۇپ، ئاممىغا پىسخىكا ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى.

  مو لەنرۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، ئالدى بىلەن ناچار كەيپىياتنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىغا توغرا قاراش كېرەك، ئىككىنچىدىن، ئۆزىنى تەڭشەش-كونترول قىلىش، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشتىكى كىچىك ئۇسۇللارنى ئۆگىنىش: ئۆيدە ئولتۇرغاندا، كۈندۈزى زىيادە ئۇخلىماسلىق، مەشغۇلات ۋاقتى تەرتىپلىك بولۇش؛ يېمەك-ئىچمەكتە يەڭگىل تاماقلارنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش، ئۆي ئىچىدە كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش، يۇقۇم ئەھۋالىغا زىيادە دىققەت قىلىۋالماسلىق، تەشۋىشلەشكەندە، ئولتۇرۇش شەكلىدە چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، ئىككى مۇشتنى چىڭ تۈگۈپ ئاندىن قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى