تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇ تەبەسسۇمى بىلەن ئىشەنچ ئاتا قىلماقتا

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى): 17 يىل ئىلگىرى، ئۇ سارسقا قارشى بىرىنچى سەپتە ئىدى، 17 يىلدىن كېيىن، ئۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ICU كېسەلخانىسىنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلدى. ئۇ دەل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈن شيەنلى ئىدى، ھەربىيلىكتىن كېلىپ چىققان ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىۋەتكەندىمۇ خۇش تەبەسسۇمى بىلەن كوللېكتىپتىكىلەرگە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈش، مەن ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىش.»

  سۈن شيەنلى (سولدا) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ICU كېسەلخانىسىدا ئاغرىقنى روھىي جەھەتتىن يېتەكلىمەكتە.

  2-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىر سۈن شيەنلىنىڭ چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا قىسقىغىنە ئەھۋاللاشتى.

    «بۈگۈن ھەپتىگە نەچچە؟»

    «بىلمەيمەن.»

    «ئۆيگە قايتمىغىلى قانچىلىك بولدى؟»

    سەل جىمىپ كەتكەندىن كېيىن: «28 كۈن بولدى» دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

    ئۇ ھەپتىگە نەچچە ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلمىگەن بىلەن، بىراق ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغان-ياخشىلانمىغانلىقىنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىدۇ.

    1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى قىزىپ تەكشۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرغان ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، سۈن شيەنلى ئىزچىل ئۆيىگە قايتماي، ICUدىكى داۋالاش ئەترىتىگە باشچىلىق قىلىپ، كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى خەتەرلىك ئاغرىقلىرى ۋە ئېغىر ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى. «ھازىر خىزمەتلەر رېتىغا چۈشتى، كۆپ ياخشىلاندى. سىز بىزنىڭ دوختۇر ۋە سېسترالىرىمىزنى زىيارەت قىلسىڭىز بوپتىكەن، ئۇلار راستىنلا ئىنتايىن جاپا چېكىۋاتىدۇ، خەتەرلىك ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇلار ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ، ئازراق بوشىشىپ قېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ» دېدى ئۇ.

  سۈن شيەنلى

    بىر 44 ياشقا كىرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا نەپەس ئېلىشى ئاجىزلاپ كەتكەن، سۈن شيەنلى داۋالاش ئەترىتىگە باشچىلىق قىلىپ، 96 سائەت كۈرەش قىلىپ ئاغرىقنى قۇتقۇزۇۋالغان. بۇ ئاغرىق مۇنداق دېدى: «قۇتقۇزۇۋاتقاندا مەندە سېزىم بولغاچقا، كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر دوختۇرنىڭ دائىم كېسەل كارىۋىتىم ئالدىغا كېلىپ كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلگەنىدىم. كېيىن مەن ئاندىن ئۇنىڭ بۆلۈم مۇدىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئۇ مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، ماسكا تاقىۋالغاچقا، دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئۇنى تونۇيالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭدىن تېلېفون نومۇرىنى سورىسام، ئۇ دەپ بەرمىدى.»

     بىر 47 ياشلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى مۇنداق دېدى: «مەن توختىماي قىزىۋاتقان ئاشۇ مەزگىلدە كەيپىياتىم ئىنتايىن ناچار ئىدى، سۈن مۇدىر كېسەلخانا كارىۋىتى ئالدىغا كېلىپ، مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماڭا مەدەت بەردى. ھازىر مەن دوختۇرخانىدىن چىقتىم، ئەمما تېخىچە سۈن مۇدىرنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ باقمىدىم. مېنىڭچە ئۇنىڭ چىرايىدىن چوقۇم ئىنتايىن ئاقكۆڭۈللۈكى چىقىپ تۇرىدۇ.»

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، سۈن شيەنلى ئىلگىرى ئېغىر يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە نەچچە قېتىم قاتناشقان بولۇپ، مول بولغان بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەن، بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا ئۇ يەنە ئالدىغا ئاتاكىغا ئۆتكەنىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ICU كېسەلخانىسىنىڭ سېستراسى چىن يەن مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە ICU كېسەلخانىسىدا سۈن مۇدىرنىڭ بېسىمى ئەڭ چوڭ، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن تېشىغا چىقارمايدۇ، ھەر كۈنى بىزنى كۆرسە كۈلۈپلا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ تەبەسسۇمى باھاردىكى ئىللىق قۇياشقا ئوخشاش بىز ھەممىمىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ.»

    توخنىياز ئىسمائىل تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ