تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن بىرى يېڭىدىن كۆپەيدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 2- ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن بىرىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلدى.

    2-  ئاينىڭ 17-  كۈنى سائەت 24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن جەمئىي 76نى دوكلات قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 52ى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە 24ى بار ئىكەن. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىساللىرى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 23ى، ئىلى ئوبلاستىدا 18ى، تۇرپان شەھىرىدە ئۈچى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بىرى، سانجى ئوبلاستىدا تۆتى، بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئۈچى؛ بىڭتۇەن 7-شىسىدە بىرى، بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرىدە تۆتى، بىڭتۇەن 9-شىسىدە تۆتى، بىڭتۇەن 6-شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرىدە ئىككىسى، بىڭتۇەن 12-شىسىدە ئۈچى، بىڭتۇەن 4-شىسىدە 10ى بار ئىكەن. ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللىك مىسالىدىن جەمئىي 12سى، ئۆلۈپ كەتكەن كېسەللىك مىسالىدىن بىرى بار ئىكەن. ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللىك مىساللىرى ئىچىدە، تۆتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن، بىرى تۇرپان شەھىرىدىن، تۆتى ئىلى ئوبلاستىدىن، بىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن، بىرى بىڭتۇەن 7-شىسىدىن، بىرى بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرىدىن ئىكەن.

    ھازىر دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلار 63 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېغىر كېسەللىك مىسالىدىن 10ى، خەتەرلىك كېسەللىك مىسالىدىن تۆتى بار ئىكەن. نۆۋەتتە، 5245 كىشى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى