تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

      

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر فۇ شياۋبو): جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يېقىندا كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى 1000 يۈرۈشكە يەتكەن بولۇپ، ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىنى كەسپىي داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كورلا بىڭجۈەن كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ شياڭخۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېببىي مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىغا بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئاشقان، شۇ جايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت كارخانىلارغا ياردەملىشىپ تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس لىنىيەسى ئېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تېببىي مۇداپىئە كىيىمى بىلەن تەمىنلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى سەككىز كۈندە پۈتۈپ، 2-ئاينىڭ 12-كۈنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، نۆۋەتتە مەھسۇلاتلار تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى، 2-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.»

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كورلا بىڭجۈەن كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى ھەربىي فورما، ساقچى فورمىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىراتتى، يېڭى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شىركەت دەرھال گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىن خام ئەشيا سېتىۋېلىپ، ئىشچىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللىدى.

  نۆۋەتتە، بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە جەمئىي 70 نەچچە پىشقان ئىشچى بار بولۇپ، ئىككى ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىكەن، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا 24 سائەت ئىش توختىمايدىكەن. بارلىق ئىشچىلار باغچە رايونى ئىچىدە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، تۆت دېزىنفېكسىيە باسقۇچىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن سېخقا كىرىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

  تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ تېزدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەت بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرىنچى ۋاقىتتا كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى يەنە بىر كارخانا —— شىنجاڭ كورلا ياۋۋاڭ ئېجياۋ پاي چەكلىك شىركىتىنى ماسلاشتۇرۇپ 1000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق پاكىز سېخ بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېشىل تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يولى ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشىگە ياردەملىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئۈسكۈنە توشۇش، خام ئەشيا سېتىۋېلىش قاتارلىق تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى