تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىدىكى «ۋاراتارلار»

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن جىڭۋىي خەۋىرى): تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيەدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى يەتكۈزۈلدى، ئالدى بىلەن بۇ ماددىي ئەشيالارنى كۈتۈۋالىدىغانلار توشۇغۇچى خادىملاردىن باشقا، يەنە مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي تەكشۈرۈشتىكى ھالقىلىق تارماق __ ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار دەل بۇ مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىدىكى «ۋاراتار»لار ئىدى.

  سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن.

  سالامەت ئەلى ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى كەسپىي باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ يان تېلېفون نومۇرى ئىدارىنىڭ ئىش بېجىرىش قىزىق لىنىيەسىگە ئايلاندى، 2- ئاينىڭ 15- كۈنى مۇخبىر تېلېفون بېرىپ زىيارەت قىلماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ تېلېفونى ئىزچىل ئالدىراش ئىدى.

  يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ زور تۈركۈمدە مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالدى. داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى ئالاقىدار ئەنگە ئالدۇرۇش دوكلاتى تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار تەكشۈرۈش، ئۆلچەش تارماقلىرىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تارقىتىپ بەردى، سالامەت ئەلى ئالاقىلاشقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ يان تېلېفون نومۇرى ئېلان قىلىنىپ، ئۇ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى.

  «ھەر ۋاقىت مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى پورتقا يېتىپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ ئايروپىلان ئارقىلىق يېتىپ كېلىنگەن مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ئىچىدە، سەھەر سائەت ئىككىدىن كېيىن يېتىپ كەلگەنلىرى ناھايىتى كۆپ، تېلېفون قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بىز يەنە ئەۋرىشكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز.» دېدى سالامەت ئەلى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتىدىن ئىگىلىشىچە، ئارىلاپ تەكشۈرگەندە ئالدى بىلەن داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ۋە ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان ماسكىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك ئىكەن، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكىنى ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى ئارىلاپ تەكشۈرىدىكەن، ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان ماسكىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنى ئارىلاپ تەكشۈرىدىكەن.

  «ئەۋرىشكىنى ئىدارىگە ئېلىپ كېلىپ، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنىڭ مىكرو ئورگانىزمىنى تەجرىبە قىلىمىز، بۇ تەكشۈرۈش جەريانىغا سەككىز كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى كەسپىي بۆلۈمى ئارىلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جىفاڭ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە مۇداپىئە ئەشيالىرىنىڭ فىزىكىلىق ئىقتىدارى تەكشۈرۈلىدىكەن، ماسكىنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ تارتىش كۈچى، ئېغىرلىقى قاتارلىقلار تەكشۈرۈلىدىكەن.

   ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 14- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكىدىن 14 تۈركۈم ( قېتىم )؛ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىدىن 2 تۈركۈم (قېتىم)؛ مۇداپىئە كىيىمىدىن بىر تۈركۈم (قېتىم)نى تەكشۈرگەن بولۇپ، جەمئىي 4 مىليون 50 مىڭ دانە ماسكا ۋە 200 يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى