ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى خۇاتەي شىركىتىگە بېرىپ، 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاۋ يوڭلۇ، ۋېي يۇڭمېي خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خۇاتەي شىركىتىنىڭ 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى جىددىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەۋرىشكە تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ بازارغا سېلىندى، ھازىرغىچە 28 توننا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ناترىي گىپوخلورىت 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى ئىكەن. جۇڭتەي گۇرۇھى دۆلەت ئىچىدىكى خلور-ئىشقار كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى ناترىي گىپوخلورىت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىزچىل 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ ئەسلىي سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭتەي گۇرۇھى بىرىنچى ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تەڭشەپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىنىڭ ئەسلىي سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بازار تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭتەي گۇرۇھى ئەسلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ياساش ئاساسىدا، يېڭى بىر ئەۋلاد ناترىي گىپوخلورىت دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، يەنى «يېڭى جۇڭتەي ماركىلىق» 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى (داۋالاش ئاپپاراتىدىن باشقا ئاپپاراتلار ئىشلىتىدۇ)نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقاردى.
«پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپلا قالماي، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قاندۇرۇپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش «جېڭى»نىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.» بۇ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى جيا يۈەنكۈەن شۇنداق دېدى.
37 توننا ناترىي گىپوخلورىتلىق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىلى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «يېڭى جۇڭتەي ماركىلىق» 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى مەھسۇلاتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا قوشۇلغانلىق تەستىقى ۋە تازىلىق ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن.
ھازىر جۇڭتەي گۇرۇھىغا قاراشلىق تارماق شىركەت خۇاتەي شىركىتى «يېڭى جۇڭتەي ماركىلىق» 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەشكىللەشكە باشلىدى ھەم بازارغا سالدى. 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى جەمئىي 28 توننا 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقاردى.
«بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىدۇ». ئۆز جايىنى دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، يېقىندا، خۇاتەي شىركىتى يەنە كېچىلەپ 37 توننا ناترىي گىپوخلورىتلىق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىپ، خىزمەتچى خادىملار ئاپتوموبىل بىلەن 60 نەچچە سائەت يول يۈرۈپ، ۋۇخەن، ئېجۇغا بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا يەتكۈزدى.