تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ​پىراۋىنى يىللىق تەكشۈرتۈش تەربىيەلىنىشىنى ئۆيدىلا تاماملىغىلى بولىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۇي يۈنيەن خەۋىرى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شوپۇرلار پىراۋا يىللىق تەكشۈرتۈش تەربىيەلىنىشىنى ئۆيىدىلا تاماملىيالايدۇ. يېقىندا، شوپۇرلار ئەڭ كۆپ مەسلىھەت سورىغان پىراۋىنى يىللىق تەكشۈرتۈش تەربىيەلىنىشىگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەرتىپ سىخېمىسى تۈزۈپ ۋە ئېلان قىلىپ، مەشغۇلات تەرتىپىنى ئىنچىكە چۈشەندۈردى.

  B تىپتىكىدىن يۇقىرى پىراۋىلاردىن بىر قېتىملىق نۇمۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكىدە 1-8گىچە نۇمۇر خاتىرىلەنگەن بولسا، «12123交管» (قاتناش باشقۇرۇش) ئەپ دېتالىدا توردا تەربىيەلىنىش ئۇسۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. شوپۇرلار يىللىق تەكشۈرتۈش تەربىيەلىنىشىنى ئىلتىماس قىلىش كەسپىدىكى بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئەستايىدىل ئوقۇغان ھەمدە ئىلتىماس ئۇچۇرىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، يىللىق تەكشۈرتۈش تەربىيەلىنىشىنى توردا ئىلتىماس قىلىش تاماملانغان ھېسابلىنىدۇ. «توردا تەربىيەلىنىش» ئۇسۇلىنى تاللىغان شوپۇرلار «审验教育网络学习»(يىللىق تەكشۈرتۈش تەربىيەلىنىشىنى توردا ئۆگىنىش)نى بېسىپ، يىللىق تەكشۈرتۈش تەربىيەلىنىشىنى توردا ئۆگىنىش تەرتىپىگە كىرسە بولىدۇ. يىللىق تەكشۈرتۈشنى توردا ئۆگىنىش ئۇسۇلى دەرسلىك ئۆگىنىشى ۋە يىللىق تەكشۈرتۈش سىنىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەرسلىك ئۆگىنىشى سىن دەرسلىكى ۋە يازما دەرسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يىللىق تەكشۈرتۈش سىنىقىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۆگىنىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 45 مىنۇت بولىدۇ. ئۆگىنىش داۋامىدا سىستېما ئۆگىنىش ئەھۋالىنى قەرەلسىز سۈرەتكە تارتىپ تۇرىدۇ. توردىكى يىللىق تەكشۈرتۈش تەربىيەلىنىشى ھەر كۈنى بىر سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك، ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۆگىنىش ۋاقتى ئۈچ سائەتكە توشۇشى كېرەك، يىللىق تەكشۈرتۈش تۈگىگەندە ئۆگىنىش تاماملانغان ھېسابلىنىدۇ.

  بىر نۇمۇر خاتىرىلەش دەۋرىيلىكىدە جەمئىي خاتىرىلەنگەن نۇمۇر 9-11غىچە بولغان ئوتتۇرا، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ۋە مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەيدىغان شوپۇرلار، شۇنداقلا باشقا ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ئاپتوموبىلدا قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەڭ نىسبەتتىن يۇقىرى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، ئەمما پىراۋىسى بىكار قىلىنمىغان شوپۇرلار نەق مەيدانغا بېرىپ يىللىق تەكشۈرتۈش تەربىيەلىنىشىگە قاتنىشىشى كېرەك. قاتناش ساقچىسى بۇنداق ئەھۋالدىكى شوپۇرلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېجىرىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

  قاتناش ساقچىلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، پىراۋىنى يىللىق تەكشۈرتۈش مۇلازىمىتى بىجىرىشنى تەلەپ قىلغاندا، شوپۇر پىراۋىسىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولماسلىقىغا ھەم ۋەقە سادىر قىلغان قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بولمىسا پىراۋىنى يىللىق تەكشۈرتۈش كەسپىنى ئوڭۇشلۇق بېجىرگىلى بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى