تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«بۇ 1000 ناننى بىرىنچى سەپكە يەتكۈزۈپ بەرسىڭىز!»

  2-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 21دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىرى تۈگمەنبويى كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئابدۇۋايىت ئابلىز ئىنىسى بىلەن ئەمدىلا پىشقان يەتتە-سەككىز خالتا ناننى ئېلىپ، قومۇل شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارادۆۋە بازىرى تۈگمەنبويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىگە كەلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ نانلارنى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتقان جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى.

  ئادەتتىكى باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ 1000 ناننى سېتىشتىن قىلىنىدىغان كىرىم ئابدۇۋايىت ئائىلىسىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى، بىراق ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى قەتئىي بولۇپ، ئۇ «بۇ مېنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە قايتۇرغان جاۋابىم» دېدى.

  «ئىككى يىلدىن بۇيان، سىلەر ماڭا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى سۆزلەپ بەردىڭلار، نان سېتىشىمغا ياردەم بەردىڭلار، مېنى قوي بېقىش، چىلان ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردۇڭلار، ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى. بۇلتۇر، ئائىلىمىز يۈز نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.» ئابدۇۋايىت مۇنداق دېدى: «يېڭى تىپتىكى تاجسمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھەر كۈنى ئۆيگىچە كېلىپ دېزىنفېكسىيەلەپ، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى. ئادەم ياخشىلىققا جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلىشى كېرەك، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىشنى ئويلىدىم!»

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى كۈندە ھەر كۈنى تاڭ يورۇماستىلا، ئابدۇۋايىت ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ماسكا تاقاپ، ئائىلىسىدىكى تونۇر بېشىدا ئالدىراش بولۇپ كەتكەن، ئۇلار خېمىر يۇغۇرۇپ، ئوت قالاپ، نان يېقىپ، كەچ سائەت 1دىن ئاشقىچە ئىشلەپ، بۇ 1000 دانە «مېھىر-شەپقەت نېنى»نى تېزدىن يۇقۇمنىڭ بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى  ئويلىغان. 

  «كۆپ رەھمەت، بىز چوقۇم ئەڭ تېز سۈرئەتتە بۇ 1000 ناننى بىرىنچى سەپكە يەتكۈزۈپ بېرىمىز!» دېدى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئابدۇۋايىتقا ۋەدە بېرىپ. ئارقىدىن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دەرھال ئاپتوموبىل ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ۋە خەلق ئىشلىرى تارمىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ، شۇ كۈنى كەچتىلا 1000دانە مېھىر-شەپقەت نېنىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى. 

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى.

زۇلخۇمار تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى