تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«توردا ئوقۇش باشلاش» پەيتىدە، ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئۆيىدە سىنلىق دەرس تەييارلىدى

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى يەن ئۆيىدە دەرس تەييارلىماقتا.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى يەن ئۆيىدە باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىنى سىنغا ئالماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى) 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى يەن باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىقنىڭ توردا ئۆتۈلىدىغان ئەدەبىيات دەرسلىكىنى ئۆيىدە سىنغا ئالدى. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق، دەرس توختىسىمۇ ئۆگىنىشنى توختاتماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتقۇچىلارنى بىر تۇتاش سىنلىق دەرسلىك ئىشلەشكە تەشكىللىگەن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىغىچە بولغان ئاساسىي پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا تېلېۋىزور ۋە تور قاتارلىق ئۇچۇرلاشقان ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا توردا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل