تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمغا قارشى جەڭگاھتا جۇڭيى كەم بولسا بولمايدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇلار مۇخبىرى چاۋ جىن

  2-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىر تېلېفوندا شىنجاڭنىڭ 1- تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى جياڭ داۋبىن بىلەن كۆرۈشتى، ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، يېقىندا سۈن خانىم قاتارلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان 20گە يېقىن ئېغىر ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاچقا، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانىسىدىن يېنىك ئاغرىقلارنى يىغىپ داۋالاش دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەن. يولغا چىقىش ئالدىدا، نۇرغۇن ئاغرىق ئۈندىداردا جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرى جياڭ داۋبىنغا يەنە ئازراق جۇڭيى تېبابىتى دورىسى يېزىپ بەرسە، ئېلىپ كېتىپ داۋاملىق ئىچكۈسى بارلىقىنى ئېيتقان.

  1-ئاينىڭ 31-كۈنى، 39 ياشلىق سۈن خانىمنىڭ ئۆپكە قىسمىنى CTدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە «ئاق ئۆپكە»، تالالىشىش ئەھۋالى ئېغىر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەچكە، ئۇ مەسئۇل بولغان كېسەل رايونىغا يۆتكەپ كېلىنگەن. ئەينى چاغدا، سۈن خانىمدا يۆتىلىش، دېمى سىقىلىش ئالامەتلىرى ئېغىر بولۇپ، غەرب تېبابىتى دورىلىرىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىغان، جياڭ داۋبىن تىل گېزىنى كۆزەتكەندىن كېيىن، بۇنىڭ «ھۆل ئىسسىق پەسەيمەسلىك، مەنپىي سۇيۇقلۇق يارىسى» ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقارغان. جياڭ داۋبىن بېيجىڭ جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ليۇ چىڭچۈەن قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، داۋالاش يولىنى مۇھاكىمە قىلغان ھەمدە ئاغرىق ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئاساسىي غەربچە داۋالاشنى ساقلاپ قېلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاغرىققا جۇڭيىچە قايناتمىلىق دورا رېتسىپى يېزىپ بەرگەن.

  «جۇڭيى تېبابىتى دورىسىنى ئۈچ كۈن ئىچكەندىن كېيىن، گېلىم ئاغرىمىدى، نەپىسىم نورماللاشتى، پۈتۈن بەدىنىمنىڭ تېلىپ ئاغرىشى سەل پەسەيدى.» دېدى سۈن خانىم تېلېفوندا مۇخبىرغا، ئۇ 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ قىزىغان بولۇپ، 1-ئاينىڭ 27-كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغانىدى. 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇدا سەككىز كۈن جۇڭيى تېبابىتى دورىسىنى ئىچكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى بىئاراملىق ئالامەتلىرى يوقىغان بولۇپ، ئۆپكە قىسمىنى CTدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىمۇ ياخشىلىنىش بولغاچقا، يېنىك ئاغرىققا ئۆزگەرگەنلىكى ئۈچۈن، لېيشېنشەن دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ نوكلىئېك كىسلاتاسى ۋە باشقا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتقانىدى.

  تۇنجى ئاغرىق دورا ئىچىپ ئۈنۈمىنى كۆردى، شىنجاڭ-خۇبېي ئىككى جايدىكى تېببىي خادىملار ھەمكارلىشىپ، پۈتكۈل كېسەل رايونىدىكى 30غا يېقىن ئېغىر كېسەلگە جۇڭيىچە ۋە غەربچە داۋالاشنى تەڭ ئېلىپ بېرىشتەك داۋالاش لايىھەسىنى قوللاندى.

  جياڭ داۋبىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭيىچە داۋالاشنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلاشتا بولۇپ، قىزىش، يۆتىلىش، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت، دېمى سىقىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى زور داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەن، ئىشتىھانى ئېچىش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش جەھەتتىمۇ بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەن، دەسلەپكى كۆزىتىشتە بۇ ئاغرىقلارنىڭ ئۆپكىسىدىكى ياللۇغنىڭ سۈمۈرۈلۈشى جەھەتتىمۇ ياخشىلىنىش بولغان.

  جياڭ داۋبىن ئاغرىقلارنى جۇڭيى تېبابىتى دورىسى بىلەن داۋالىغان مەزگىلدە، بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى، جۇڭگو جۇڭيى تېبابىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىيۈەن دوختۇرخانىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرمۇ يېتەكچى پىكىر بەرگەن ھەم ئۇلارنىڭ داۋالاش تەپەككۇرى ۋە ئۈنۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىلھام بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بىر تۈركۈم ئېغىر ئاغرىقلار يېنىك ئاغرىقلارنى يىغىپ داۋالايدىغان دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نوكلىئېك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى كۈتمەكتە.

  يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئەۋزەللىكنى ئۆز ئارا تولۇقلاشتا بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. 2-ئاينىڭ 12-كۈنى دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسى بىرلىكتە «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش خىزمىتىدە مۇكەممەل بولغان جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىشتا جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

  «بىز جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن داۋالاش لايىھەسى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، يېنىك ئاغرىقلارنى بالدۇرراق داۋالاپ ساقايتىشقا تىرىشىپ، خەتەرلىك كېسەلنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىپ، ساقىيىش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.» دېدى جياڭ داۋبىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ