2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇلانباي تەكشۈرۈش پونكىتىدا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىمى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇلانباي تەكشۈرۈش پونكىتىدا قاتناش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، داۋالاش قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، پۈتۈن كۈن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل ۋە خادىملارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە 24 سائەت تەكشۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەشۋىقاتى، يوللاردىكى توسالغۇلارنى تازىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى، يوللاردىكى قاتناشنىڭ نورماللىقىغا ۋە ماددىي ئەشيالارنىڭ ۋاقتىدا توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇلانباي تەكشۈرۈش پونكىتىدا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.
2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇلانباي تەكشۈرۈش پونكىتىدا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرى سوغۇقتا ۋەزىپە ئىجرا قىلماقتا.
2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇلانباي تەكشۈرۈش پونكىتىدا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈپ تىزىملىماقتا.
2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇلانباي تەكشۈرۈش پونكىتىدا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىمى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل ۋە خادىملارنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاپ تەكشۈرمەكتە.