تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خۇبېيدىكى بۇ شىنجاڭلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ): «پۇل ئىئانە قىلماقچى بولسام، نەگە ئىئانە قىلىمەن»

  «مەن مىڭدىن ئارتۇق نان ياقتىم، ئاپېرىپ بېرەي دەيمەن»

  «مەندە يۈز يەشىك ئالما بار، خىزمەتچى خادىملارغا بېرەي دېگەن»

  «بىزنىڭ 20 نەچچە ياش خىزمەتچىمىز بار، قىلىدىغان ئىش بولسا چوقۇم مېنى ئىزدەڭ»

  «قىزىم سېسترالار مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ، ئۇ قىلغۇدەك ئىش بارمۇ؟»

  …

  يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خەنچۈەن شەھىرىدە 18 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن روزىمەمەت ئەبەي كاۋاپخانىنى تەلەپ بويىچە تاقاپ، خەلق ساقچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ياردەملىشىپ سېتىۋېلىپ ئۆيىگە ئەكىلىپ بەرگەن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىۋالدى، ئۇ تېلېۋىزوردىن، يان تېلېفونىدىن ئومۇمىي خەلق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئولتۇرالماي قالدى، قانداقلا بولمىسۇن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك كۈچىنى چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى.

  روزىمەمەت ئەبەينىڭ كاۋاپدىنى

  بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئۇ خەنچۈەن شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى، ۋۇخەندىكى شىنجاڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئىئانە توپلىغاندا، 2000 يۈەن ئىئانە قىلدى، 100 يەشىك ئالما ئەۋەتتى، 1200 دانە نان ياقتى، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارغا ئەنگە ئالدۇرۇپ — قاۋۇل خىزمەتچى ۋە قېرىنداشلاردىن 20 ئادەمنىڭ بارلىقىنى، يەنە سېسترالىق مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان قىزى بارلىقىنى، خالىغان ۋاقىتتا بىرىنچى سەپكە بارالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ، ھەر ۋاقىت يولغا چىقالايمىز.»

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنىمەن، ھەمدە ھەر ۋاقىت چاقىرىشنى ساقلايمەن

  2-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇخبىر روزىمەمەت ئەبەي بىلەن ئالاقىلاشقاندا، ئۇ يەنىلا ئۇلار ياردەملىشەلەيدىغان ئىشنىڭ بار-يوقلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن-سۈرۈشتۈرمىگەنلىكىنى سورىدى.

  ئىلگىرى روزىمەمەت ئەبەي شۇ جايدىكى مىللەتلەر، دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، تەۋەلىكىدىكى خەلق ساقچىلىرى قاتارلىقلاردىن سۈرۈشتۈرگەنىدى، «ئۇلار ھازىر ئۆيدە ئولتۇرۇشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ ياردەم دېدى، ئۇنداقتا مەن چاقىرىشنى كۈتەي.» دېدى روزىمەمەت ئەبەي، ئۇ ھازىر كەسپىي تېببىي خادىملارنىڭ كەملىكىنى، شۇنداقلا دوختۇرخانىدا ئادەم قىس بولغاچقا، سېسترا قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قىزىنى ياردەمگە ئەۋەتىشنى ئويلىدى؛ يېڭىدىن دوختۇرخانا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، خىزمەتچىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېغىر ئەمگەكنىڭ ھەممىنى قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  «ۋۇخەن يېنىمىزدىلا، مەن دائىم باراتتىم، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، بارمىغىنىمغا ئىككى ئاي بولدى، ئۇ شەھەر بەك چىرايلىق، ھازىر كۈندە تېلېۋىزور كۆرگەندە، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ.» دېدى روزىمەمەت ئەبەي، ھازىرقى يۇقۇم ئەھۋالىدا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياخشى بولغاندىلا، ئاندىن قىيىنچىلىقتىن بىرلىكتە ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ، نەق مەيدانغا بېرىپ ئىش قىلىش، ئۆيدە جىمجىت ئولتۇرۇشنىڭ ھەممىسى بىر خىل تۆھپە قوشۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنىدۇ، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۇنى چاقىرىشىنى ساقلايدۇ.

  روزىمەمەت ئەبەي بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋە خىزمەتچىلەر بولۇپ 20 نەچچە ئادەم ئۇ خەنچۈەن شەھىرىدە ئىجارىگە ئالغان بىر تۆت قەۋەتلىك بىنادا تۇرىدۇ، شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكىلەرگە ئەۋەتكەن 1200 ناننى ئۇ ئۆيىدىكى ئۇننىڭ ھەممىنى ئىشلىتىپ، بىر يېرىم كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېقىپ تەييارلىغانىدى. «ئۇن كىچىك ئىش، تۈگىسە يەنە ئالساق بولىدۇ، ئالمىنى دوستۇمنى ئىزدەپ سېتىۋېلىپ، بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بەرگەن، بىز ئۆزىمىز سىرتقا چىقساق بولمايدۇ، ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىمىز، مەھەللە كومىتېتىغا ئەھۋالنى ئېنىق ئېيتىشىمىز كېرەك.» دېدى روزىمەمەت ئەبەي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ بەك جاپا تارتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، مۇشۇ ئىشلارنى قىلغانىدى.

  «ئادەم مىننەتدار بولۇشنى بىلىشى كېرەك»

  روزىمەمەت ئەبەي شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، خەنچۈەن شەھىرىگە بېرىشتىن بۇرۇن يۇرتىدا تاكسى ھەيدەيتتى، 18 يىل بۇرۇنقى چاغاندا، ئۇ تۇغقىنى بىلەن خەنچۈەنگە بېرىپ، بىر مەزگىل يايما ئېچىپ كاۋاپچىلىق قىلغانىدى، ئىككىنچى يىلى ئۇ ئۇزۇن مۇددەت خەنچۈەندە تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلدى. شۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، روزىمەمەت ئەبەي ئاچىدىغان دۇكان ھەل بولدى، 18 يىلدا ئۇنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئائىلىسىدىكىلەر، قېرىنداشلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ خەنچۈەن شەھىرىگە بېرىپ، كاۋاپخانا ئېچىپ، كاۋاپ، قۇرۇق مېۋە-چېۋە ساتتى، بۇ يىل 3-تارماق دۇكىنىنى ئېچىشنى پىلانلىغانىدى.

  «ئادەم مىننەتدار بولۇشنى بىلىشى كېرەك، بىز بۇ يەردە نۇرغۇن ياردەمگە ئېرىشتۇق، بۇ ئىككى كۈندە يېمەكلىك، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ ھەممىسىنى مەھەللە خىزمەتچىلىرى، خەلق ساقچىلىرى يەنە شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى دوستۇم خۇاڭ ئەيجۈن ئەكىلىپ بەردى. بۇ يەردە شۇنچە كۆپ يىل تۇرمۇش كەچۈردۈم، دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش، دۇكان ئېچىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە قاتراش، بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش، ھەممىسىدە باشقىلار ياردەم بەرگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ، پىدائىيلارمۇ بار.» دېدى روزىمەمەت ئەبەي.

  خەنچۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چېڭگۈەن شۆيلۇ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ليۇ لىفېن تەمىنلىگەن روزىمەمەت ئەبەينىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاتىرىسى.

  روزىمەمەت ئەبەي ئىچ مىجەز بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ سورىغىنى ئۆزىنىڭ قايسى ئىشقا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقى بولدى، ئۇنىڭ باشقا ئىشلىرىنى، مۇخبىر پەقەت مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئۇقتى.

  مۇخبىر سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ خەنچۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چېڭگۈەن شۆيلۇ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ليۇ لىفېن بىلەن ئالاقىلاشتى، روزىمەمەت ئەبەينىڭ كاۋاپخانىسى ۋە تۇرالغۇسى ليۇ لىفېن مەسئۇل تەۋەلىكتە ئىدى.

  «ئۇ ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل، ئاددىي - ساددا، كەمسۆز ئادەم، بۇ بىر نەچچە كۈندە ئۇ مېنى ئىزدەپ نۇرغۇن قېتىم ياردەم كېرەكمۇ - يوق دەپ سورىدى.» ليۇ لىفېننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دائىم روزىمەمەت ئەبەينىڭ ئىشلىرىدىن تەسىرلىنىدىكەن.

  ليۇ لىفېننىڭ ئېيتىشىچە، روزىمەمەت ئەبەي دائىم ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىدىكەن، نامرات ئائىلىلەرگە  ھال سوراش پۇلى، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ئاپېرىپ بېرىدىكەن؛ نەرسە ئېلىپ ئۆيىدە قالغان بالىلارنى يوقلايدىكەن. «ئۇ يۇرتىدىن ئېلىپ كەلگەن بەزى خىزمەتچىلەرمۇ ياردەمگە موھتاج » دېدى ليۇ لىفېن. روزىمەمەت ئەبەي ليۇ لىفېنغا ياردەمگە موھتاج ئائىلىلەر بولسا، چوقۇم ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىشنى پات-پات تاپىلاپ تۇرىدىكەن.

  خەنچۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چېڭگۈەن شۆيلۇ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ليۇ لىفېن تەمىنلىگەن روزىمەمەت ئەبەينىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاتىرىسى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر جۈملە شوئار ئەمەس

  روزىمەمەت ئەبەي تىلغا ئالغان خۇاڭ ئەيجۈن روزىمەمەت بىلەن دائىم ئۇنىڭ كاۋاپخانىسىغا بېرىپ كاۋاپ يېگەندە تونۇشۇپ قالغانىدى.

  خۇاڭ ئەيجۈن مۇنداق دېدى: «بىز ياخشى دوست، ئۇ بەك قىزغىن ئادەم، بىر يىلى بىزنىڭ بۇ يەردىكى بىر بازاردىكى دەريا توسمىسىنى يار ئېلىپ كېتىپ، 30-40 مىڭ ئادەمنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزدى، ئۇ پۇل ئىئانە قىلىپلا قالماي، يەنە كاۋاپخانىنى تاقاپ خىزمەتچىلەرنى باشلاپ نەق مەيدانغا بېرىپ، ئىككى-ئۈچ كۈن خالىسانە خىزمەت قىلدى.»

  «ئۇ ئىزچىل ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇمۇ ئىزچىل بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشىپ كېلىۋېتىپتۇ، ۋىجدانلىق بولۇپ، مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك ئىكەن.» دېدى خۇاڭ ئەيجۈن.

  روزىمەمەت ئەبەينىڭ ئېيتىشىچە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر جۈملە شوئار ئەمەس ئىكەن، تۇرمۇشتا، ياردەمگە ئېرىشىش ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىش جەريانىدا، كۆپچىلىكمۇ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كېتىدىكەن.

  مۇخبىر خەنچۈەن شەھىرىدە روزىمەمەت ئەبەي بىلەن تونۇشىدىغان خەلق ساقچىلىرى، ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلاشقاندا، ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا، ھەممىسى بىردەك «بىزنىڭ ياخشى دوستىمىز» دېيىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ