تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئاتا-ئانام يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەڭچىسى»

2-ئاينىڭ 13-كۈنى، جاڭ مېي(ئوڭدا) كۇچا شەھىرى شىنچېڭ كوچا باشقارمسى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ئۆيىدە تېببىي خادىمنىڭ ئۆلچەملەشكەن مەشغۇلاتىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
2-ئاينىڭ 10-كۈنى، تيەن چىتاۋ(سولدا) ئولتۇراق رايونغا كىرىپ-چىققان خادىملارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ خاتىرىلىمەكتە.
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، تيەن ياۋېي ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋاتاتتى، ئۇ ئۆينى پاك-پاكىز تازىلاپ، يۇقۇم تۈگەپ ئاتا-ئانىسى قايتىپ كەلگەندە، ئۇلارنى پاكىز ئۆيدە كۈتۈۋالماقچى ئىدى.

شۈ مىڭمىڭ خەۋىرى، فوتوسى:  تيەن ياۋېي جىنەن تېببىي شۆيۈەنى كىلىنكىلىق داۋالاش 2-يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، 1-ئاينىڭ 2-كۈنى تەتىل قىلىپ كۇچا شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئاتا-ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ، جەم بولۇش تامىقى يېيىش ئىدى. 

ئەمما يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كۇچا شەھىرى شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى دوستلۇق مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان دادىسى تيەن چىتاۋ ئىزچىل خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. دادىسى تېلېفوندا مۇنداق دېدى: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئاھالىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، بىخەستىلىك قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ بىر مەزگىللىك ئالدىراشلىق تۈگىگەندىن كېيىن ئۆيگە قايتىمەن».

بۇ مەزگىلدە كۇچا شەھىرى شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولغان ئاپىسى جاڭ مېيمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتاتتى. تيەن ياۋېي ئاپىسى بىلەن ئاساسەن ئۈندىداردا ئالاقىلىشەتتى. «ئاپا، ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ»، «ھېچقىسى يوق قوزام، دوختۇرخانىدا كۆز ئاسراش ئەينىكى، مۇداپىئە كىيىمى، ماسكا، مۇداپىئە قالپىقى، مۇداپىئە ئايىغى بار، ئاپىڭىز ناھايىتى بىخەتەر»، «ئاپا، ۋاقتىدا تاماق يەڭ، چارچىغاندا بىردەم ئارام ئېلىڭ»، «بولىدۇ، ئاپىڭىز بىر پارتىيە ئەزاسى، ھازىر ئاغرىقلار ماڭا موھتاج...» بۇ ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن بولغان كۈندىلىك ئۈندىدار خاتىرىسى ئىدى.

«دادا، ئاپا، سىلەر ھەممىدىن قالتىس، سىلەر قەھرىمان، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەڭچىسى!» دېدى تيەن ياۋېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى