تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يۈز توننىدىن ئارتۇق مېھىر-شەپقەت كۆكتىتى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان خادىملارغا ئىللىقلىق بېغىشلىدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى  يۈ شى) «كۆكتات كەلدى، كۆكتات كەلدى!» 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 17 ئەتراپىدا، 2400 كىلوگرامدىن ئارتۇق يېڭى كۆكتات قاچىلانغان تۆت يۈك ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونىغا كېلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ،، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنىڭ غىزالىنىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ باغۋەنچىلىك گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ پاي كونتروللىقىدىكى ئۈرۈمچى شىيۈەن ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى چەكلىك شىركىتى «مېھىر-شەپقەت كۆكتاتلىرى ئارقىلىق يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش» ھەرىكىتىنى قوزغىتىپ، 3 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى جەمئىي 120 توننىدىن ئارتۇق پارنىك كۆكتىتىنى سېتىۋېلىپ، ھەر كۈنى يېڭىدىن سېتىۋالدى شۇنداقلا يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنى  يېڭى كۆكتات بىلەن تەمىنلىدى.

ئۈرۈمچى ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆكتاتچىلىق كەسپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، زىيانسىزلاشتۇرۇش، كۇرسلۇق مەھسۇلاتقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردى. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەدە 1600دىن ئارتۇق كۆكتات پارنىكى، 480دىن ئارتۇق كۆكتاتچىلىق ئائىلىسى بولۇپ، ئۆستۈرۈلگەن كۆكتاتلارنى ئاساسلىقى ئۈرۈمچى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىغا توشۇلىدۇ. يېقىندا يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈن ناھىيەدىكى كۆكتات پارنىكى دېھقانلىرى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى.

«كەنتىمىزدە 50 نەچچە پارنىكتىكى كۆكتات پىشىپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى. كۆكتاتلارنىڭ ئېتىزدا تۇرۇپلا سېسىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرغانىدۇق» دېدى ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرى دامياۋ كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ جۈنيى، «مېھر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ھەممە پارنىكتىكى كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىپ، بىزگە شىپالىق يامغۇر ئېلىپ كەلدى.»

«يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى <جەڭچى>لەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئامانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە قارىماي، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغدىغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەندۇق. كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك» دېدى شىنجاڭ باغۋەنچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ يۈ، «كېيىنكى مەزگىلدە، كارخانا يەنە داۋاملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىگە تۆھپە قوشىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى