تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر كاڭ خاۋيەن) سۇدا پىشۇرۇلغان قوي گۆشى، لازا-گۆش قورۇمىسى، پولۇ… 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىر ۋاق ئىسسىق يۇرت تامىقى شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە ئەپچىقىلدى. يۇرتنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى باسىدىغان بۇ تاماقلارغا ۋۇخەندە ياشاۋاتقان شىنجاڭلىق يىگىت ئۆمەرجان جالاۋۇدۇن ئېلىپ كەلگەن ئىككى پۈتۈن قوينىڭ گۆشى خۇرۇچ قىلىنغانىدى.
2-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەر سائەت 1:30دا، مۇخبىر ئۈندىدار ئارقىلىق ئۆمەرجان بىلەن ئالاقىلەشكەندە، ئۇ ئېنگلىز تىلى دەرسىنى تەكرار قىلىۋاتقانىدى، گەرچە مەكتەپتە ۋاقتىنچە دەرس توختىتىلغان بولسىمۇ، ئۇ دەرس تەكرارلاشنى توختىتىپ قويمىغانىدى. 25 ياشلىق ئۆمەرجان ئىككى يىل ئىلگىرى خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى دولان كەنتىدىن ۋۇخەنگە كېلىپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىپ ۋۇخەن داشۆسىنىڭ جېندەن قانۇن-سودا شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا كىرگەنىدى. ئۆمەرجان ئائىلىسىدە بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، تۇنجى قېتىم يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ بۇ ناتونۇش شەھەرگە كەلگەنىدى، ئۇ بۇ يەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئاۋات، ئالدىراش، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ۋۇخەن ئۇنىڭ ئارزۇسى باشلانغان جايغا ئايلانغانىدى.
ئەتراپىدىكى دوستلىرى ئۆمەرجاننىڭ ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولۇپلا قالماي، يەنە تىرىشچان، ئىقتىسادچىللىقىغىمۇ قايىل ئىدى. «دەسلەپتە ۋۇچاڭ ۋوگزالىغا كەلگەن ۋاقتىمدا بىر ناۋايخانىنى كۆرگەنىدىم، مەكتەپ ۋە ئەتراپتا ناۋايخانا يوقلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، نانلارنى توپ سېتىۋېلىپ پارچە سېتىپ، تۇرمۇش پۇلى تاپتىم.» ئۆمەرجان دەسلەپتە ئىگىلىك تىكلىگەن چاغلىرىنى ئەسلەپ شۇنداق دېدى، ئۇ بۇنداق قىلغاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى ئوقۇتۇش يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۇنجى تەتىلدە ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولمىدى، ئۇ نان تىجارىتى قىلغاندىن باشقا، يەنە ئەتراپتىكى ئاشخانا، كاۋاپخانىلارنىڭ قوي گۆشىگە ئېھتىياجى بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتۈردى، زاكاز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچتە توكسىكلىت ھەيدەپ يىراقتىكى قۇشخانىغا بېرىپ مالنى توپ سېتىۋېلىپ، سەھەردىلا خېرىدارلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئاپىرىپ بەردى. تىرىشچان، ئەستايىدىل ئۆمەرجان ناھايىتى تېزلا خېرىدارلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، زاكازلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئىككى يىلدا، ئۇ توكسىكلىتنى مىنىبۇسقا ئالماشتۇرۇپ، دوستلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ ئالتە ناۋايخانا ئاچتى.
«ۋۇخەنلىك دوستلار شىنجاڭنىڭ نېنى ۋە كاۋىپىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، مەن ئۆگىنىش ۋە خىزمەت جەريانىدا نۇرغۇن دوستلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردە قېلىپ كۆپرەك ئىش قىلىشنى ئويلايمەن.» ئۆمەرجاننىڭ دېيىشىچە، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئۇ مەكتەپ ياتىقىدا كىتاب كۆرگەندىن باشقا، يەنە ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىغان.
ئۇ شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىنىڭ ۋۇخەنگە ياردەم بەرگىلى كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، روھلىنىپ كەتكەن. «مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلالمىساقمۇ، يۇرتداشلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش خۇشاللىنارلىق ئىش.» بىر نەچچە دوست ئوخشاش ئوي بىلەن بىر يەرگە كېلىپ، داۋالاش ئەترىتىگە چامىنىڭ يېتىشىچە يېڭى قوي گۆشى ئاپىرىپ بېرىشنى قارار قىلغان.
«بىزنىڭ شىنجاڭلىق يىگىتلەر بەك قالتىس! ئۇلار يېڭى قوي گۆشى ئەكىلىپ ئەترەت ئەزالىرىنىڭ تامىقىنى ياخشىلىدى» شىنجاڭنىڭ 1-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا قوغداش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى چېن جۈن داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرى كەلگىنىگە ئون نەچچە كۈن بولغان بولۇپ، ئارقا سەپ كاپالىتى جەھەتتە كۆپچىلىكنىڭ تامىقىنى ياخشىلاشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، يېڭى قوي گۆشى سېتىۋالىدىغان يەرنىڭ يوقلىقىنى، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ئىككى پۈتۈن قوي گۆشىنىڭ كۆپچىلىككە يۇرتىنىڭ تەمىنى تېتىتقانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ گۆش ئىئانە قىلغۇچىلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا، «بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم» ئۆمەرجاننىڭ ئەڭ كۆپ تەكرارلىغان بىر جۈملە سۆزى بولدى. ئۇنىڭ نەزەرىدە بۇ ناھايىتى كىچىك ئىش ئىدى. «دادام ناھايىتى خۇشال بولدى ھەم بۇنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دېدى، قىيىنچىلىق مەزگىلىدە، بىز قاراپ ئولتۇرساق بولمايدۇ.» ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغاندا، ۋۇخەن داشۆسىدە يىڭخۇا گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، كوچا-كويلارغا كاۋاپنىڭ مەززىلىك ھىدى يەنە تارىلىدۇ، كۆپچىلىك يەنە ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئىسسىق نان سېتىۋالالايدۇ.