تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۈچ قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن توي مۇراسىمى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ ياجۈن خەۋىرى): «دادا، مېنىڭ تويلۇق دەم ئېلىشىم تەستىقلاندى، بىراق ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى بەك جىددىي، نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىم تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىنى توختىتىپ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى، مەن چاغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتالىشىم مۇمكىن، ئالدىرىماڭلار ھە.» 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئەسلىدە چاغاندا ئۆيىگە قايتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى ۋاڭ جىچۇن يۇرتى جياڭسۇ ليەنيۈنگاڭدىكى ئاتا-ئانىسىدىن يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر كەچۈرۈم سورىدى. تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ۋاڭ جىچۇننىڭ كۆزلىرى نەملەشتى، بۇ ئۇنىڭ توي مۇراسىمىنى 3-قېتىم كېچىكتۈرۈشى ئىدى.

2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شۇ ۋاقىتلاردا يېزا-بازاردىكى نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى بولغان ۋاڭ جىچۇن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولغانلىقتىن، تويىنى 2019-يىلىغا كېچىكتۈرگەنىدى.

2019-يىلىنىڭ بېشىدا، ۋاڭ جىچۇن سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلىقتىن، گۇما ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىغا يۆتكىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «يېڭى ئەسكەر»ى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاڭ جىچۇن خىزمەتنى قىزغىن سۆيۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە كىرىشىپ، توي مۇراسىمىنى يەنە بىر قېتىم كەينىگە سۈردى.

يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، ۋاڭ جىچۇننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى توي قىلىشقا يەنە سۈيلىدى. ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلمۈرۈپ كۈتۈشى ۋە بولغۇسى ئايالىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئويلىغان ۋاڭ جىچۇن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىدارە رەھبەرلىرىگە تۇققان يوقلاش، توي قىلىش ئىلتىماسىنى سۇنۇپ، 2-ئاينىڭ 20-كۈنى بولغۇسى ئايالى چېڭ يالى بىلەن بىللە يۇرتىغا قايتىپ توي قىلىشنى پىلانلىدى.

يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ۋاڭ جىچۇن تويىنى يەنە كەينىگە سۈرۈشنى قارار قىلدى. «ۋەي، يالى، ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن بولىۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ناھايىتى مۈشكۈل، ئىدارىدە ئادەم قىس، بىز كېيىنرەك قايتىپ توي قىلايلى، سىز ئاتا-ئانىڭىزغا يەنە خىزمەت ئىشلەپ بېقىڭ...»

تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، يۈك-تاق يىغىشتۇرىۋاتقان چېڭ يالىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى، ئۇ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا يان تېلېفوندىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كۆردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار ۋە تېببىي خادىملارنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ، ۋاڭ جىچۇننىڭ تاللىشىنى يەنە بىر قېتىم توغرا چۈشەندى. «ئۇ پارتىيە ئەزاسى ئەمەسمۇ!» چېڭ يالى روھلىنىپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ، ۋاڭ جىچۇنگە قىسقا ئۇچۇر يوللىدى: «بىخەتەرلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، تويىمىزنىڭ قانچىلىك كېچىكىشىدىن قەتئىينەزەر، سىزنى ساقلايمەن!»

ئارقىدىنلا، چېڭ يالى ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون بەردى...

ۋاڭ جىچۇن مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيە ئەزاسى، ئىلگىرى ھەربىي ئىدىم، بۇ ئىس-تۈتەكسىز جەڭدە، مەن يەنىلا جەڭچى ھېسابلىنىمەن. ھازىر ۋەتەن ۋە خەلق ماڭا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ۋاقىت، چوقۇم سەپنىڭ ئالدىغا تىزىلىشىم، سەپنىڭ ئالدىغا ئېتىلىشىم كېرەك. بىز بىر ئۈلۈش كۆپ بەدەل تۆلىسەك، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى، ئامانلىقى بىر ئۈلۈش كۆپىيىدۇ.

ۋاڭ جىچۇن بىلەن چېڭ يالى ئەتراپىمىزدىكى يۇقۇمغا قارشى جەڭگە ئاكتىپ ئاتلىنىپ، خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقان كەڭ پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنىڭ ئىخچام كارتىنىسى بولۇپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى