تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كۆك - تاق»قا كاپالەتلىك قىلىش

2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى تارماق رايون باشقۇرۇش كومىتېتى پۇدۇڭ كوچىسى مەھەللىسىنىڭ فېڭخۇاڭچېڭ ئائىلىلىكلەر رايونىدىكى ئاھالىلەر كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىدا كۆكتات سېتىۋالماقتا. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى مال بىلەن تەمىنلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بازارنى تەمىنلەش مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، كۆكتات تۈرلىرىنىڭ مول بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ باھانى مۇقىملاشتۇردى. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 475 كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىشىدىكى ئاساسلىق يول بولۇپ قالدى، زور كۆپ ساندىكى بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرى مالنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ تەمىنلەشنىڭ «ئۈزۈلۈپ» قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قامدىماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل