تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيا كاپالىتىدە مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك (يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن خەۋەر)

    2-ئاينىڭ 4-كۈنى، فۇجيەننىڭ جىنجياڭ شەھىرىدىكى بىر مىكروبسىز تەجرىبىخانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىنى ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئىشچىلار جىددىي ھالدا مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقارماقتا.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ كېخۇڭ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 14-كۈنى، جېجياڭنىڭ چاڭشىڭ ناھىيەسى خېپىڭ بازىرىدىكى بىر توقۇلمىسىز رەخت بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ ماسكا ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچىلەر ماسكىلارنى رەتلىمەكتە. شۈ شۈ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 10-كۈنى، خېبېينىڭ خەندەن شەھىرىدىكى بىر مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش تەشكىلاتى خوشېنشەن دوختۇرخانىسىغا ئىئانە قىلغان 100 توننا داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيە ئەسلىي سۇيۇقلۇقى ۋۇخەنگە يەتكۈزۈلدى ھەمدە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. سۈرەتتە: داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى تېز سۈرئەتتە توشۇماقتا. فەن شيەنخەي فوتوسى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

    2-ئاينىڭ 9-كۈنى، خېيلۇڭجياڭنىڭ خاربىن شەھىرىدىكى بىر كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي ئىشلەپچىقارماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جيەنۋېي فوتوسى

    2-ئاينىڭ 13-كۈنى، جياڭشىنىڭ رۈيچاڭ شەھىرىدىكى بىر شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچى مەنپىي بېسىملىق مەخسۇس جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى پىرىسلاش زاپچاسلىرىنى ئۈلگۈرتۈپ ياسىماقتا. ۋېي دۇڭشېڭ فوتوسى (影像中国)

    يېقىندا، فۇجيەننىڭ جاڭجوۋ شەھىرىدىكى بىر داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار پۈتكەن ماسكىلارنى بىر-بىردىن ساناپ تەكشۈرمەكتە. يەن كې، شياۋ خېيۇڭ فوتوسى، خەۋىرى

  2-ئاينىڭ 14-كۈنى، بېيجىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى بىر دورىگەرلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ دورا بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، خۇبېينىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ياردەم بەرمەكتە. خەلق گېزىتى مۇخبىرى خې يۇڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى