تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش «ھاۋا ئۆتكىلى»نى ياخشى ساقلىدى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرمەكتە.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر داڭ يۈ خەۋىرى، فوتوسى): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش «ھاۋا ئۆتكىلى»نى ياخشى ساقلاپ، ۋىرۇسنىڭ كىرىشىدىن قاتتىق ساقلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ توشۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ھاۋا تىرانسپورت يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  2-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن بۇيان، ھەرقايسى ئايرودۇرۇملار، ھەرقايسى شىركەتلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرغان.

  1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ كۈتۈش بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، ئايرودۇرۇمغا كىرگەن-چىققان يولۇچىلارنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا قىزىپ قالغان يولۇچىلارنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن توققۇزى، ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن ئىش ئورنىدىن 32سى تەسىس قىلىنغان، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىلا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش خادىمىدىن 2112 ئادەم قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  2-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى جەمئىي 4615 نۆۋەتچى ئايروپىلان قېتىمنىڭ ئايرودۇرۇمغا قونۇشى-ئۇچۇشى، 486 مىڭ 100 ئادەم قېتىم يولۇچىنىڭ توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئايرودۇرۇملار «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىش يېشىل يولى» نى تەسىس قىلغان ھەمدە 24 سائەتلىك يېشىل يول قىزىق لىنىيەسىنى ئېلان قىلغان. ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ئايرودۇرۇملار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا پائال قاتنىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ۋەزىپىسىدىن 127 قېتىم، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇداپىئە ئەشيالىرىدىن 20 مىڭ 638 يەشىك توشۇشقا كاپالەتلىك قىلغان، ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، كورلا، ئاقسۇ، تارباغاتاي، قاراماي، قومۇل قاتارلىق جايلاردىكى ئايرودۇرۇملار جەمئىي 199.04 توننا (2-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولغان سانلىق مەلۇمات) يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلغان، شىنجاڭنىڭ ۋۇخەنگە بېرىپ ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۈچ نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ھۆددىگە ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلغان.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش يېشىل يولى ئاچتى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش يېشىل يولى ئاچتى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش يېشىل يولى ئاچتى.

  چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە يولۇچىلار كۆپ بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتا، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بارلىق ئاۋىياتسىيە بىنالىرىنى جەمئىي 2904 قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلغان، ئاۋىياتسىيە بىنالىرىنىڭ 1972 قېتىم ھاۋاسىنى ئالماشتۇرغان، ئايروپىلانغا چىقىشتا ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىنى 329 قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى ئايرودۇرۇم ۋە يەرلىك كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش تارماقلىرىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، قىزىپ قالغان يولۇچىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يۇقۇمغا توسۇپ زەربە بېرىدىغان قاتتىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تورى بەرپا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى