تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

« چى چى چوڭ بولغاندا، چوقۇم ئۇنى ئېلىپ بېيجىڭغا يەنە كېلىمەن» __ بېيجىڭدىكى توققۇز ئايلىق بوۋاقنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش خاتىرىسى

  2- ئاينىڭ 14- كۈنى، چى چى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم )نىڭ ئاپىسى ( سولدا ) ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان سېسترالار باشلىقى ۋاڭ يىڭ ( ئوڭدا ) بىلەن خوشلاشماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى (شيا كې، لى مېڭ، ۋاڭ يەن) جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان توققۇز ئايلىق بوۋاق چى چى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) 2-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسىدا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دوختۇرخانىدىن چىققانلاردىن يەنە ئۇنىڭ ئاپىسى ۋە ئاچىسىمۇ بار ئىدى.

  ئادەتتە سېسترالار باشلىقى ۋاڭ يىڭنىڭ تولۇق «قوراللانغان» ھالىتىنى كۆرۈپ كۆنۈپ قالغان چى چى بۈگۈن مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىپ، كۆز ئاسراش ئەينىكىنى ئېلىۋەتكەن ئۇنى كۆرۈپ، بىردىنلا ناتونۇش ھېس قىلىپ، ئىلگىرىكىدەك ئۇنىڭدىن قۇچاقلاپ قويۇشنى ئۆتۈنمىدى، بەلكى ئاپىسىنىڭ قۇچىقىدا تۈگۈلۈۋالدى، چى چىنىڭ ئاپىسىمۇ ئاخىر سۇڭ مېيخۇا دوختۇرنىڭ ھەقىقىي چىرايىنى كۆرگەنىدى.

  «بېيجىڭدا، بىز تېببىي خادىملارنىڭ ئىنتايىن ياخشى غەمخورلۇق قىلىشى ۋە داۋالىشىغا ئېرىشتۇق، مەن ئۆزۈمنى ئىنتايىن تەلەيلىك ھېس قىلدىم، بەختسىزلىك ئىچىدە بەختكە ئېرىشتىم.» دېدى چى چىنىڭ ئاپىسى، «بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئىزچىل مۇقىم بولۇپ، بەك چوڭ ئوڭۇشسىزلىق يۈز بەرمىدى، خەتەرلىك ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ.»

  2020-يىللىق چاغان ۋۇخەندىن كەلگەن چى چى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى ئالاھىدە چاغان بولدى. 1-ئاينىڭ 20-كۈنى بىر ئائىلىدىكى ئالتە جان بېيجىڭغا كېلىپ ئەمدىلا مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىشىغا، چى چىنىڭ دادىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتتى، ئەتىسى دادىسىغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ، بېيجىڭدىكى بىر شەھەر دەرىجىلىك بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا قوبۇل قىلىنىپ داۋالاندى.

  مومىسى، چى چىنىڭ ئاپىسى ۋە ئۈچ بالىسى يېقىن ئۇچراشقۇچىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن مېھمانخانىدا ئايرىپ كۆزىتىلدى. چى چىنىڭ ئاپىسى بىر تەرەپتىن ئېرىدىن ئەنسىرىسە، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەيتتى. 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، چى چىنىڭ ئاپىسى ئەڭ ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى، توققۇز ئايلىق بولغان چى چىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 38.8 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقتى. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، ئانا - بالا 1-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسىدا داۋالاشنى قوبۇل قىلدى.

  دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، چى چىنىڭ ئاپىسى ئىنتايىن تەشۋىشلەندى، بىر تەرەپتىن بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن ئەنسىرىسە، يەنە بىر تەرەپتىن چى چىنىڭ دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىنكى داۋالىنىش ۋە تۇرمۇشقا ماسلىشىش - ماسلىشالماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. ۋاڭ يىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بالىنىڭ قان تومۇرى ئىنچىكە بولغاچقا، ئادەتتە قان ئېلىش ناھايىتى تەسكە توختىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقىۋالغاچقا قان ئېلىش تېخىمۇ تەسلەشكەن. «تولۇق قوراللانغان سېسترالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىچىك چى چىدىن قان ئېلىش بىر كۈنلۈك خىزمەتتىكى ئەڭ چوڭ سىناق. كۆز ئاسراش ئەينىكىدىكى ھور كۆرۈش سىزىقىنى توسۇۋالىدۇ، چوقۇم نەپەسنى يىغىپ، پۈتۈن بەدەننى قاتتىق تۇتۇش كېرەك، قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى.» دېدى ۋاڭ يىڭ، «ھەر قېتىم چى چىدىن قان ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، قولىمىز تىترەپ كېتىدۇ.»

  دوختۇرخانىنىڭ رېنتگېن بۆلۈمىدىكى لى شونىڭ ئېيتىشىچە، چى چىنى CT غا چۈشۈرۈشمۇ ئاسان ئىش ئەمەسكەن. «بالا بەك كىچىك، بالىغا ئامال بار تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتمەيمىز، بالا جىددىيلىشىپ، ماسلاشمىغاندا ئاپىسى، سېسترا بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ بىرلىكتە ئۇنى بەزلىدى.» ھېلىمۇ ياخشى CT نەتىجىسىدە چى چىنىڭ ئۆپكىسىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىكرەك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىپ، كېسەلگە قارىتا، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، چى چىنىڭ قىزىتمىسى تېزلا يانغان.

  يېقىندا، چى چىنىڭ دادىسى ئاخىرى دوختۇرخانىدىن چىقتى. بۆلۈمدىكى تېببىي خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى بىلەن، چى چى ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى، ئاچىسىمۇ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يەتتى. ئەسلىدە بېيجىڭغا ساياھەتكە كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر قېتىملىق ئالاھىدە «ساياھەت»نى باشتىن كەچۈردى، چى چىنىڭ ئاپىسى مۇنداق دېدى: «چى چى چوڭ بولغاندا، چوقۇم ئۇنى ئېلىپ بېيجىڭغا يەنە كېلىمەن.»

  2- ئاينىڭ 14- كۈنى، سېستىرا چى چى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىر ئائىلە كىشىلىرىنى دوختۇرخانىدا ئۇزىتىپ قويماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان) پېڭ زىياڭ فوتوسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ