تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر سۈن يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر گو جۈن، لى يۈكۇن، لى ۋېنلۇڭ، جاۋ يۈۋېي خەۋىرى، فوتوسى)
ئۇلار ئانا
ئەمما شۇ تاپتا ئۇلار ئالدى بىلەن جەڭچى
بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن «جەڭ»دە
ئۇلار بالىلىرىغا بولغان سېغىنىشنى تاشلاپ
ھەرىكىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئىس–تۈتەكنى قوغلاپ
قۇياش نۇرى ئاستىدا ئوماقلىرى بىلەن باھار پەيزىنى تەڭ سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ
سەھەر سائەت 1:00دە، ئۇ يان تېلېفوندا ناخشا ئېيتىپ قىزىنى ئۇخلاتتى
شەخس: سانجى شەھىرى لۈجوۋۇ يولى كوچا باشقارمىسى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دوختۇرى گاۋ يىڭ
«دۇنيادا پەقەت ئانىلا ياخشى، ئانىسى بار بالىلار خۇددى گۆھەردەك...» 2-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر سائەت 1:40 ئۆتكەندە، سانجى شەھىرى لۈجوۋ يولى كوچا باشقارمىسى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ئىشخانىسىنىڭ چىرىغى يورۇق بولۇپ، دوختۇر گاۋ يىڭ كومپيۇتېر ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، يان تېلېفونىدا تۆۋەن ئاۋازدا بالىلار ناخشىسى ئېيتىۋاتاتتى، بىردەمدىلا قىزى ئۇخلاپ قالدى.
30 ياشلىق گاۋ يىڭ ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىسى ئېرى يۈ خۇي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتاتتى، ئىككى ياشقا توشمىغان قىزى يۈەنمېينىڭ ھالىدىن بوۋىسى، مومىسى خەۋەر ئېلىۋاتاتتى.
«ئادەتتە ئۇنى مەن ئۇخلىتاتتىم، يېقىندىن بۇيان مەن ئاساسەن ئۆيگە قايتمىدىم، كەچ كىرىشى بىلەنلا ئۇ يىغلاپ جېدەل قىلغاچقا، مەن تېلېفوندا ناخشا ئېيتىپ بېرىپ ئۇنى ئۇخلىتىۋاتىمەن» دېدى گاۋ يىڭ، يۈەنمېي ئاپىسى ناخشا ئېيتىپ بەرسە ناھايىتى تېزلا ئۇخلاپ قالاتتى، «ئۇ <دۇنيادا پەقەت ئانا ياخشى>، < قۇرت ئۇچتى>، < ئىككى يولۋاس> دېگەن ناخشىلارغا ئامراق. قىزىم بەك جىمغۇر، ئاندا–ساندا «ئاپامنى سېغىندىم»، «تېز قايتقىن» دەپلا قويىدۇ» دېدى گاۋ يىڭ.
قىزى بىلەن پاراڭلاشقان، گاۋ يىڭ يان تېلېفوندا سىن ئارقىلىق يۈەنمېيغا «مەن ناھايىتى تېزلا ئۆيگە قايتىمەن، شۇ چاغدا بىز سىرتقا چىقىپ ئوينايمىز» دەيتتى، بۇنداق ۋاقىتتا يۈەنمېي ئاپىسىغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتاتتى.
«مەن ئۇلارغا خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى، ئۆيدىكى ئىشلارنى بىزگە تاپشۇرۇشنى قايتا-قايتا جېكىلىدىم» دېدى گاۋ يىڭنىڭ قېيىنئاتىسى يۈ جىنشەن، مۇشۇنداق ئوغۇل ۋە كېلىنى بولغىنىدىن ئۇلار ناھايىتى پەخىرلىنەتتى.
بىر ئولتۇرۇشىدىلا 300 جۇۋاۋا تۈگدى، ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئوغلىنىڭ ياخشىراق تاماق يېيىشىنى ئويلايتتى
شەخس: قومۇل شەھەرلىك 2–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ياتاق باشقۇرغۇچى مۇئەللىمى ۋاڭ يەنلىڭ
ۋاڭ يەنلىڭ(سولدىن بىرىنچى) ئايرىش رايونىدا دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.
2-ئاينىڭ 9-كۈنى، قومۇل شەھىرىدىكى مەلۇم مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ ياتاق بىناسىدا، قومۇل شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇلازىمەت ئەترىتى بۇ يەردە مەركەزلىك كۆزىتىلگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاش، ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرمۇش كاپالىتى، پىسخىكىلىق يېتەكلەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتاتتى، ۋاڭ يەنلىڭ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.
ئۇ ئەسلىدە بۇ تەتىلدە بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلىنى ئوبدانراق كۈتۈۋالماقچى ئىدى. «بالام سىرتتا تاماقنى ياخشى يېيەلمەيدۇ، ئۇ چاغاندىن بۇرۇن قايتىپ كەلگەندە قارىسام يەنە ئورۇقلاپ قاپتۇ» دېدى ۋاڭ يەنلىڭ «ئەسلىدە ئۇنىڭغا ياخشىراق تاماق ئېتىپ بېرەي دېگەن ئىدىم، تۇيۇقسىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش خىزمىتى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىپ تىزىملاتتىم».
ئۆيدىن ئايرىلغان ئاشۇ كۈنى كەچتە، ۋاڭ يەنلىڭ ئوغلىنى ئۆيدە ياخشىراق تاماق يېسۇن دەپ ئويلاپ، بىر ئولتۇرۇشىدىلا 300 جۇۋاۋا تۈگدى، ئوغلى يېنىدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ «ئاپا، ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ، قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتىمەن» دېدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ۋاڭ يەنلىڭنىڭ كۆز ياشلىرى سىرغىپ چۈشتى، «ئوغلۇم ماڭا بىر رومكا سۇ تۇتتى، ئۇ مېنىڭ ھاراق ئىچمەيدىغانلىقمنى بىلەتتى، ئۇ ئاپا جاپا چەكتىڭىز، دېدى.» ۋاڭ يەنلىڭ ئۆزىدىن ئەنسىرىمەيتتى، ئەمما ئوغلىغا چىدىمايتتى. «تۈنۈگۈن كەچتە ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردا پاراڭلاشقان ئىدىم. ئۇ كەچلىك تاماقتا 20 تال جۇۋاۋا يېگەنلىكىنى ئېيتتى، نېمىشقا كۆپرەك يېمىگەنلىكىنى سورىغىنىمدا، سىز ئەتكەن جۇۋاۋا بەك ئوخشايدۇ، ئالدىرىماي يەيمەن دېدى...»
ئۇدا 15 كۈن جەڭ قىلدى، قىزى ئۇنىڭغا بېلىق شورپىسى ئېتىپ بەردى
شەخس: غۇلجا شەھىرى دۆلەتباغ كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى رازىيە مەمتىمىن
رازىيە مەمتىمىن ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن داۋالاشنى قوبۇل قىلماقتا.
رازىيە مەمتىمىن غۇلجا شەھىرى دۆلەتباغ كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، 15 كۈنلۈك ئالدىراشچىلىق ئاخىر ئۇنىڭغا ئارام ئېلىش سىگنالىنى بەردى. «2–ئاينىڭ 8–كۈنى بېشىم ئازراق قايدى، دوختۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، بەك چارچاپ كېتىپسىز، ئارام ئالمىسىڭىز بولمايدۇ، دېدى. مەن دوختۇر بىلەن دېيىشىپ بولدۇم، بەش كۈن ئۇكۇل ئۇرغۇزۇپلا ئىدارىغا قايتىمەن» دېدى رازىيە مەمتىمىن.
رازىيە مەمتىمىننىڭ 16 ياشلىق قىزى رامىلە جۈرئەت مەھەللە كادىرلىرىغا ئۆزى قايناتقان بېلىق شورپىسىنى ئاپىسىغا ئاپىرىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى، رازىيە مەمتىمىن يىغلاپ كەتتى، «مەن مېڭىشتىن بۇرۇن قىزىمغا نۇرغۇن يەيدىغان نەرسە ئېلىپ بەردىم، يەنە ئازراق تاماقمۇ ئېتىپ بەردىم، لېكىن يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدىم. بۇ كۈنلەردە ئۇ ئۆيدە يالغۇز قالدى، مېنى بىرەر قېتىممۇ ئىزدىمىدى، ھەممە ئىشىنى ئۆزى قىلدى، ئۈندىداردا ماڭا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىمنى ئەسكەرتتى، مېنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىمنى بىلىپ، قۇۋەت بولسۇن دەپ ماڭا بېلىق شورپىسى ئېتىپتۇ، قىزىم ھەقىقەتەن چوڭ بوپتۇ».
«ئاپامنى بەك سېغىندىم، ئاپامنىڭ ئۆزىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» رامىلە جۈرئەت مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى، ئاپامغا ئوخشاش نۇرغۇن تاغا، ھەدىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدا، يۇقۇم ناھايىتى تېزلا تۈگىتىلىدۇ.
بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇش جەريانىدا، ئۇ ۋاقىتلىق ئانا بولدى
شەخس: قومۇل شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا ئاغرىق توختىتىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ كېسەلخانا دوختۇرى شۈ شۈەن
شۈ شۈەن ۋۇ جىڭنىڭ بالىسىنى ئېمىتمەكتە.
«شۈ دوختۇر، بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىنىڭىزغا رەھمەت، دوختۇرخانىدىن چىققاندا سىزنى ئۇچرىتالمىدىم، ھەتتا بىر ئېغىز رەھمەتمۇ ئېيتالمىدىم، سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە سالامەتلىك، بەخت تىلەيمەن، ياخشىلار بىر ئۆمۈر ئامان بولسۇن!» 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، قومۇل شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا ئاغرىق توختىتىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ كېسەلخانا دوختۇرى شۈ شۈەن ئۈندىداردا بۇ ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالدى.
ئۇچۇر يوللىغىنى ئەمدىلا دوختۇرخانىدىن چىققان ۋۇ جىڭ ئىدى. 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ۋۇ جىڭ زۇكام سەۋەبىدىن قومۇل شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندى، ئۇنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېھتىماللىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنغاندىن كېيىن، شۈ شۈەن خىزمەت قىلىدىغان ئاغرىق توختىتىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىگە يۆتكەپ كېلىندى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ تۆت ئايلىق بولغان بالىسىمۇ بىللە دوختۇرخانىدا ياتقانىدى. «ۋۇ جىڭ زۇكام دورىسى يېگەچكە بالىنى ئېمىتسە بولمايتتى، بالا سۈت پاراشوكى ئىچكىلى ئۇنىمىدى، قورسىقى ئېچىپ توختىماي يىغلىدى، مېنىڭمۇ ئېمىتىش مەزگىلىم بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئەگەر خالىسىڭىز بالىڭىزنى مەن ئېمىتىپ بېرەي دېدىم» دېدى شۈ شۈەن. شۇ چاغدا ۋۇ جىڭ ھاياجانلانغان ھالدا دەرھال ئورنىدىن قوزغىلىپ: «بولىدۇ، بولىدۇ، ھەقىقەتەن ياخشى بولدى!» دېدى.
شۈ شۈەن بالىنى قۇچىقىغا ئالدى، بوۋاقنىڭ يىغىسىمۇ توختاپ، قورسىقى تويغاندىن كېيىن ئۇخلاشقا باشلىدى. ۋۇ جىڭ دوختۇرخانىدا تۆت كۈن ياتتى، شۈ شۈەن تۆت كۈن ۋاقىتلىق ئانا بولدى. «مېنىڭ بالام توققۇز ئايلىق بولدى، بوۋا، مومىسى ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ، بالىنى كۆرمىگىلى بىر نەچچە كۈن بولدى، ئۇنى بەك سېغىندىم، گەرچە ئۇ گەپ قىلالمىسىمۇ، لېكىن مېنىڭچە ئۇ ھەممىنى ھېس قىلالايدۇ، مەن ناھايىتى تېزلا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغانلىقىمنى ئېيتسام، ئۇ كۈلۈپ كېتىدۇ.» شۈ شۈەننىڭ ئېرى ساقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتاتتى،بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇشىمىزدا بالىمىز بىزگە ئىشەنچ ۋە كۈچ بېغىشلايدۇ.