تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇداپىئە باش كىيىمىگە داپەنجى، كاۋاپ دېگەن خەتلەر يېزىلدى تېببىي خادىملار ئاغرىقلارنى يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندا شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى

  «بېشىغا قۇرۇق ئۈزۈم دېگەن خەتنى يېزىۋالغان» تېببىي خادىم.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر كاڭ خاۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر لۇ چېڭ خەۋىرى، فوتوسى): كاۋاپ، سامسا، داپەنجى... كىشى ئېغىزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدىغان شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنىڭ ئىسمى، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە باش كىيىمىگە يېزىلدى، بۇ داۋالاش خادىملىرى ھەر خىل «مەززىلىك تائاملار»نى «كۆتۈرۈپ» ئايرىلغان كېسەللەر رايونىغا كىرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بىر كۈنىنى باشلىدى.

    2- ئاينىڭ 14- كۈنى سەھەردە، ۋۇخەن داشۆ خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي قورۇسىدىكى ئايرىش رايونىنىڭ سىرتىدا، شىنجاڭنىڭ 3-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلەك رايونى بۆلۈمىنىڭ سېستىرالار باشلىقى بېن يەنلى كېسەللەر رايونىغا كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان داۋالاش خادىملىرىنى تەكشۈرۈپ، مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىشىگە ياردەم بېرىۋاتاتتى. كېسەللەر رايونىدا ئۆزئارا پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئادەتتە كۆپچىلىك مەيدىسى ۋە باش قىسمىغا ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىنى يېزىۋالاتتى، ئەمما بۈگۈنكى ئەھۋال سەل «ئۆزگىچە» ئىدى.

  «بېشىغا كاۋاپ دېگەن خەتنى يېزىۋالغان» يەن خۇەنجياۋ.

  «سىزگە سامسىنى بۆلۈپ بېرەي»، «مېنىڭ <داپەنجى>نى تاقىغۇم بار»، «ماڭا راستتىنلا بۆرەك كاۋاپنى بۆلۈپ بېرەمسىز؟» بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىۋاتقان كۈلكە ئاۋازلىرى ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ ھەر خىل مەززىلىك تائاملىرىنىڭ ئىسمى تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە باش كىيىمىگە يېزىلغانىدى. قەلەمدە مەززىلىك تائاملارنى «تەقسىملەش» بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بېن يەنلىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، كېسەللىك رايونىدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىر ئاغرىقلار بولۇپ، ئۇلاردا ئۆزلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن ئەنسىرەش، غەم قىلىش، كەيپىياتىدا بېسىم ھېس قىلىش قاتارلىق ماسلىشىپ داۋالاشقا پايدىسىز ئامىللارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش تەسكەن. تېببىي خادىملار كۈندىلىك داۋالاش، پەرۋىش خىزمىتىنى ياخشى قىلغاندىن باشقا، يەنە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاغرىقلارغا مەدەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ كېسەل ئالۋاستىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىشگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرماقچى بولغان. دائىم «پەقەت مەززىلىك تائام بىلەن گۈزەل مەنزىرىنى رەت قىلغىلى بولمايدۇ» دېيىلىدۇ، ئۇنداقتا تونۇلۇش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى كىرىش ئېغىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېنىقلا كۆپچىلىككە داۋالاش ئەترىتىنىڭ «شىنجاڭچە قىزغىنلىقى»نى ھېس قىلدۇرالايدۇ.

       «بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا بىر نەچچە كاۋاپلىرى ناھايىتى تەملىك كاۋاپخانا بار، سىلەر شىنجاڭغا ئوينىغىلى كەلسەڭلار، مەن سىلەرگە ھەممىنى يېگۈزۈپ چىقىمەن!» باش كىيىمىگە «كاۋاپ» دەپ يېزىۋالغان سېستىرا يەن خۇەنجياۋ بىر تەرەپتىن ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلسا، بىر تەرەپتىن مەززىلىك تائاملار ئۈستىدە پاراڭلاشقاچ، كەلگۈسىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىۋاتاتتى. بىر نەچچە ئاغرىق ئۇنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ئارقىلىق روھى كۆتۈرۈلۈپ، داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن چوقۇم شىنجاڭغا بېرىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، تۈرلۈك مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ باقىدىغانلىقى توغرىسىدا بەس-بەستە ۋەدىلەشتى.

  تېببىي خادىملار قەلەمدە مەززىلىك تائاملارنى «تەقسىملەش» بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

     شىنجاڭنىڭ 3-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئالاقىچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى داۋالاش مەمۇرىيىتى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لۇ چېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، ۋۇخەنگە يېتىپ بېرىپ بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقىلى بىر ھەپتە بولغان داۋالاش خادىملىرى ھەر كۈنى كېسەللىك رايونىغا كىرگەندە ھەممىسىنىڭ كۈرەش ئىرادىسى كۆتۈرەڭگۈ، پەقەت يۇرتىدىن يىراقتا بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى سېغىنىپ قالىدىكەن. بۇ خىل «باش كىيىمدىكى مەززىلىك تائام» ئۇسۇلى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتىغا تەسەللىي بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئاغرىقلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىپ، تېببىي خادىملار بىلەن ئاغرىقلارنى بىرلىكتە يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىگە ئىگە قىلدى. بىر نەچچە قىسقا فىلىم تارتقاندىن كېيىن، ئۇمۇ ئايرىلغان كېسەللەر رايونىدىكى دوختۇرنىڭ يان تېلېفونى ئارقىلىق، ئاغرىقلار بىلەن ۋەدىلەشتى: «كۆپچىلىكنىڭ كېسىلى ساقايسا، بىز بۇ يۇقۇمنى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلغاندا، سىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز، بىز كۆپچىلىكنى ھەقىقىي تەمدىكى شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى