تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۈنىگە 50 مىڭ دانە ماسكا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شى جىخۇي فوتوسى، خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدىكى كۈنىگە 50 مىڭ دانە ماسكا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بۇ ناھىيەنىڭ توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچە رايونىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  بۇ تولۇق ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ تەييارلىق قىلىنغان بولۇپ، بىر مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنىپ، ماسكا ئىشلەپچىقىرىش ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى ۋە خام ئەشيا ماتېرىياللىرى سېتىۋېلىنىپ، ئۈچ كۈن سىناق قىلىنغان ھەمدە خادىملارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق 2-ئاينىڭ 7-كۈنى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ئاساسلىقى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا ئىشلەپچىقىرىلغان. نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان ماسكا ئاساسلىقى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەزكۇر ناھىيە دۆلەت كارخانىسى بولغان شىنجاڭ جۇڭشا ياڭگۇاڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە پائال تەييارلىق قىلغان ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى دورا بۇيۇملىرى تۈرىنىڭ ئۆلچىمىگە يېتىپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش يېشىل يولىنى ئىلتىماس قىلغان. ھۆكۈمەت يەنە كارخانىنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى توشۇش، ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش، توشۇش ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. كارخانا چاقىرىق چىقارغاندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن زاۋۇتقا قايتىشنى ئىلتىماس قىلغان، ئاخىرىدا 36 نەپەر خادىم تاللىنىپ، ماسكا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بويىچە تەربىيەلەنگەن، ھازىر ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ مەشغۇلاتى، رېمونت قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، ئوراش قاتارلىق ئىشلارنى پىششىق ئىگىلىگەن.

  سېختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىر كۈندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ. خىزمەتچىلەر مۇداپىئە كىيىمى، ئاياغ قاپلىغۇچ، ماسكا، پەلەي كىيىپ، دېزىنفېكسىيە قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن زاۋۇتقا كىرىدۇ. ئىشلەپچىقىرىلغان ماسكا ئۇلترا بىنەپشە نۇرلۇق دېزىنفېكسىيەلەش ئىشكاپىغا سېلىنىپ ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيەلەنگەندىن كېيىن، ئاندىن يەشىككە قاچىلىنىپ ھىملاپ ئورىلىدۇ.

  بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى زۆھرە ئاۋۇت مۇنداق دېدى: گەرچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ھارغان بولساقمۇ، يۇقۇمغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرەلىگەنلىكىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، «تېببىي خادىملار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ قىلغان ئىشىمىز ھېچقانچە  ئەمەس.»

  شىنجاڭ جۇڭشا ياڭگۇاڭ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۈن شۈبىن مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر سېختا بىر ئىسمېنا 15 مىڭ دانىدىن 17 مىڭ دانىگىچە ماسكا ئىشلەپچىقىرالايدۇ، ھەر كۈنى ئۈچ ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەپ، كۈنىگە 50 مىڭ دانە ماسكا ئىشلەپچىقىرالايدۇ. يېقىندا يەنە ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، يەنە ئۈچتىن بىر قىسىم مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى