تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

30 توننا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى تۆت كېچە-كۈندۈزدە 7000 چاقىرىم مۇساپىنى بېسىپ ۋۇخەنگە يەتكۈزۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى، سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن)

  ئىككى نەپەر پىدائىي

  30 توننا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى

  13 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۈك ئاپتوموبىلى

  3500 كىلومېتىر

  تۆت كېچە-كۈندۈز

  ۋۇخەننىڭ ئۈچ رايونىغا ئاتلىنىش

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ھەر كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ۋۇخەنگە توشۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، 13 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، تۆت كېچە-كۈندۈزدە ۋۇخەنگە دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى يەتكۈزگەن شوپۇر دۇڭ جۈنكاڭ بىلەن ليۇ جياڭتاۋ شىنجاڭنىڭ ۋۇخەنگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ قالدى.

  2-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 8:00لەردە، دۇڭ جۈنكاڭ بىلەن ليۇ جياڭتاۋ مەخسۇس يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، 30 توننا خلور(«84» دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى)نى ئېلىپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى، سائەت 15:10دا، ئۇلار سەيدىيەن رايونى، جياڭشيا رايونى، جياڭئەن رايونىغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، شىنجاڭغا قاراپ يول ئالدى.

  2-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، مۇخبىر ئۇلار بىلەن قايتا ئالاقىلەشكەندە، ئۇلار شىنجاڭغا قايتىش يولىدا كېتىۋاتاتتى. كاپالەت ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۇلار خاتىرجەم بولدى. «7000 چاقىرىملىق يولدا گەرچە ئاپتوموبىل كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما بىزگە ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ <ۋۇخەن غەيرەت قىل> دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا چاپلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەپ ۋۇخەنگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق».

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى ماددىي ئەشيا توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا يول خېتى بېجىرىپ بەردى.

  ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ يولغا چىقىش

  «بىر تۈركۈم ماددىي ئەشيالارنى ۋۇخەنگە يەتكۈزمەكچى، بېرىشنى خالامسىز؟» «بارىمەن!» «خالايمەن».

  ئۇلار توشۇپ ماڭغان 30 توننا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ قىممىتى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنى ئۈرۈمچى شەھىرى تيەنيى لىڭخې دېزىنفېكسىيە يۇيۇش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى پېڭفېي خۇاخاڭ تىرانسپورت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خۇيشىن تيەنۋېي تىرانسپورت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يىخېڭ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت تۆت كارخانا بىرلىكتە ئىئانە قىلغان.

  بۇ بىر تۈركۈم دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقارغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك تيەنيى لىڭخې دېزىنفېكسىيە يۇيۇش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى بۇ ماددىي ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىمۇ ئالدىن ۋۇخەن شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ بىر تۈركۈم ئىئانە قىلىنىدىغان ماددىي ئەشيالارنى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ھەمدە توشۇيدىغان ئاپتوموبىلغا يول خېتى بېجىرىپ بېرىپ، بۇ مېھىر-شەپقەت ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ۋۇخەنگە تېز يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلغان.

   «بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ لىنىيەدە مېڭىشىمىز، شىركەت تەييار چۆپ، نان، سۈت قاتارلىق يېمەكلىك ۋە ماسكا، كۆز ئاسراش ئەينىكى قاتارلىق مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىنى تولۇق تەييارلاپ بەردى، قالغان ئىشلار بىزگە باغلىق.»  2-ئاينىڭ 10-كۈنى يولغا چىققاندا، دۇڭ جۈنكاڭ مۇخبىرغا ئەھۋاللارنى چۈشەندۈردى.

  تەييار چۆپنى ئۇزۇن ئۆمۈر چۆپى دەپ بىلىش.

  تۇغۇلغان كۈنى ئۇدۇل كەپقېلىش، تەييار چۆپنى ئۇزۇن ئۆمۈر چۆپى دەپ بىلىش

  نۇرغۇن يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغا ئوخشاش، دۇڭ جۈنكاڭ ۋە ليۇ جياڭتاۋنىڭ مىجەزى ناھايىتى ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، مۇداپىئەگە كۆپرەك دىققەت قىلغاندىن باشقا، ئۇلارغا نىسبەتەن بۇ قېتىمقىسى ئوخشاشلا نورمال تىرانسپورت خىزمىتى ھېسابلىناتتى.

  2-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتە مۇخبىر ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشكەندە، ئۇلار گەنسۇ ئۆلكىسىگە بېرىپ بولغان بولۇپ، ئارام ئېلىش رايونىدا چۈشلۈك تاماق يەۋاتاتتى.

  ليۇ جياڭتاۋ قايناقسۇغا تەييار چۆپنى چىلاپ، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، تەييار چۆپنى ئۇزۇن ئۆمۈر چۆپى دەپ بىلدىم.

  دۇڭ جۈنكاڭ ھەيران بولغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ: «شۇنداقمۇ ئۇدۇل كېلەمدۇ، ئەتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم» دېدى.

  «ئىككىمىز مۇشۇ قېتىملىق سەپەرنىڭ تۈرتكىسىدە تونۇشقان، تۇغۇلغان كۈنىمىز مۇشۇ تۆت كۈنگە توغرا كەپتۇ، نېمە دېگەن ئۇدۇل كېلىش بۇ.» دۇڭ جۈنكاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىككىلىمىز 40 ياشلارغا كىرىپ قالغانلار ئىكەنمىز، تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش بىزگە نىسبەتەن ئانچە مۇھىم ئىشمۇ ئەمەس.

  بىراق، ئاپتوموبىل گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن شەنشى ئۆلكىسى چېگراسىغا كەلگەندە، بىرلىكتە ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلغان شىركەتتىكى بىر خادىم ئاپتوموبىلغا چاپلايدىغان لوزۇنكا ئەكىلىپ بەرگەندە، تورت ئالغاچ كەلدى، ئۇلار بۇنىڭدىن ناھايىتى خىجىللىق ھېس قىلدى، تورتنىڭ ئۈستىگە «شوپۇر ئۇستام، جاپا چەكتىڭىز» دەپ يېزىلغانىدى.

  دۇڭ جۈنكاڭ تېلېفوندا: «تورتنى نەدىن تېپىپ ئەكەلگەنلىكىنى بىلمىدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن جاپا تارتىپتۇ، بەك تەسىرلەندۇق» دېدى ھەم ئارقىدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

  سەپەر جەريانىدا، يول بويىدىكى ئاشخانىلار تاقاق بولغاچقا، ئىككىيلەن دەم ئېلىش رايونىغا كەلگەندە دەرھال قايناق سۇ تېپىپ، ماشىنىغا چىقىپ تاماق يېدى.

  ئىككىيلەننىڭ يۈك توشۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، بىخەتەر ھەيدەش قائىدىسى، قاچان ئاپتوموبىل توختىتىپ ئۇخلاش، قاچان ئالمىشىپ ھەيدەش، قاچان تاماق يېيىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ناھايىتى ئېنىق ئىدى. گەرچە ئىككىيلەن ئەمدىلا تونۇشقان بولسىمۇ، لېكىن بىر-بىرى بىلەن شۇنداق چىقىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا گەپ كەتمەيتتى، «بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماقنى ئىككى ۋاق تاماققا قىسقارتقاندا، كۈندۈزدىكى ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋاقتىنى تېجىگىلى بولىدۇ، كىمنىڭ قانچىلىك ۋاقىت ھەيدەپ ئالمىشىدىغانلىقىنى بېكىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، بىر قاراپلا قارشى تەرەپنىڭ چارچاپ كەتكەنلىكىنى، ئالمىشىش كېرەكلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ، مۇشۇنداقلا ئاددىي» دېدى دۇڭ جۈنكاڭ.

  شۇ جايدىكى ماددىي ئەشيالارنى قوبۇل قىلىش تارماقلىرى مال چۈشۈرمەكتە.

  ۋۇخەن ئىنتايىن جىمجىت

  ئىككىيلەننىڭ ۋۇخەنگە تۇنجى كېلىشى بولۇپ، يېقىندىن بۇيان تېلېۋىزوردا كۆرگەندەك ۋە خەۋەرلەردە دېيىلگەندەك، ۋۇخەن ناھايىتى جىمجىت ئىدى. «ئەسلىدە قانداقلىقىنى بىلمەيمەن، كېيىن پۇرسەت بولسا كېلىپ كۆرۈپ كېتىمەن» دېدى ليۇ جياڭتاۋ.

  ۋۇخەنگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئۈچ جايغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئىدى، مۇددەتتىن بۇرۇن ئالاقىلىشىپ قويغاچقا، مال چۈشۈرۈش خادىملىرى ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلدى، «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز مالنى يەتكۈزگەندە ئاپتوموبىلدىن چۈشمەسلىك، ئۇلار مالنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىنلا، بىۋاسىتە بۇ يەردىن ئايرىلىپ شىنجاڭغا قايتىش.» دۇڭ جۈنكاڭ مۇنداق دېدى: مەيلى ۋۇخەنگە بېرىش يولىدا، ۋۇخەن شەھىرىگە كىرگەندە ياكى يەنە شىنجاڭغا قايتىش يولىدا بولسۇن، «ۋۇخەن غەيرەت قىل» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا چاپلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن، بۇنىڭدىن بىز يۇقۇم رەھىمسىز بولسىمۇ مېھىر-مۇھەببەتنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ ۋۇخەن بىلەن تۇتاش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى