تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى بىر ۋوگزالنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش «جېڭى»دىكى ھەرىكىتى: پاكىز، بىخەتەر بولۇش پەقەت سىز ئۈچۈن

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋۇ بوپېڭ، بەي فېڭلياڭ خەۋىرى، فوتوسى) 18 كارىدور كۆۋرۈك، 68 بېلەت تەكشۈرۈش ماشىنىسى، سەككىز بىخەتەر يول، 1522 يولۇچىلار ئورۇندۇقى، 100 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن دېزىنفېكسىيە رايونى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بۇ زېرىكىشلىك سانلار چۇ مىڭمىڭنىڭ نەزەرىدە مۇھىم مەسئۇلىيەت نىشانىغا ئايلاندى، ھەر كۈنى سەھەر سائەت 5تە، چۇ مىڭمىڭ ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدىكى بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلايدۇ.

  چۇ مىڭمىڭ ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچى توشۇش سېخىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئادەم زىچ بولغان بېكەتلەرنى تازىلاش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت بولۇپ قالدى. چۇ مىڭمىڭ ھەر كۈنى سېختىكى كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ، 100 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن ۋوگزالنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ھاۋا ئالماشتۇردى، 18 كارىدور كۆۋرۈك، 68 بېلەت تەكشۈرۈش ماشىنىسى، سەككىز بىخەتەر يول، 1522 يولۇچىلار ئورۇندۇقى قاتارلىقلارنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلدى. خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، 2- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ، چۇ مىڭمىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىدارىدە 14 كۈن ئۆيىگە قايتماي ئىشلەشنى ئىلتىماس قىلدى ھەمدە سېختىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىدارىدە يېپىق ھالەتتە ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەپ، يۇقۇم تۈگىگەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش توغرىسىدا تەلەپنامە يېزىشقا تەشكىللىدى.

  ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋوگزال سۇپىسىدا ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالدىن چىقىشىغا يول باشلاپ ياردەم بەرمەكتە.

  «يۇقۇم ئالدىدا، سېختىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ روھىي بېسىمى ناھايىتى ئېغىر، مەن بىر پارتىيە ئەزاسى ۋە رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، قوشۇننى ياخشى يېتەكلىسەملا، ئاندىن بۇ جەڭدە غەلىبە قىلالايمىز.» چۇ مىڭمىڭنىڭ ئېيتىشىچە، كومپارتىيە ئەزاسى بىر بايراق ئىكەن، قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا چوقۇم باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، باشقا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىشى كېرەك ئىكەن. «ئۈرۈمچى ۋوگزالى شىنجاڭنىڭ يولۇچى تىرانسپورتى قاتناش تۈگۈنى، مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغانلىقىمىزغا قەتئىي ئىشىنىمىز، بىز ۋوگزالغا كەلگەن يولۇچىلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىنچىكە ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يوشۇرۇن خەۋپىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىمىز.» دېدى چۇ مىڭمىڭ.

  ۋاڭ چاڭيۈەن ئۈرۈمچى ۋوگزالى بېلەت سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، زور تۈركۈمدىكى يولۇچىلار سىرتقا چىقىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاچقا، ۋوگزالغا كېلىپ بېلەت قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش كەسپىنى بېجىرگىلى كېلىدىغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان، ئۇ بېلەت سېتىش بۆلۈمىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن ھەر كۈنى مىڭغا يېقىن ئادەم بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ۋاڭ چاڭيۈەن مۇنداق دېدى: «چۈنكى مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، بۇنداق ۋاقىتتا بىز ھەممىمىز بىرىنچى سەپكە ئاتاكىغا ئۆتۈشىمىز، يۇقىرى ئورۇنلاشتۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل تاماملىشىمىز كېرەك. 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۇيان، بېلەت سېتىش بۆلۈمىمىز يولۇچىلارغا جەمئىي 25 مىڭ سەككىز بېلەت سېتىۋېلىش، قايتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىپ بەردى.»

  ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچى توشۇش سېخىنىڭ مۇدىرى چۇ مىڭمىڭ ۋوگزالدىن چىقىش ئېغىزىدا ۋوگزالدىن چىقىدىغان يولۇچىلارغا ۋوگزالدىن چىقىش تەشۋىقاتىنى ئىشلىمەكتە.

  خىزمەتكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ۋاڭ چاڭيۈەن خوتۇنى بىلەن قىزىنى قېيىنئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپېرىپ قويۇپ، ئۆزى ئىدارىدە تۇرۇپ، يۇقۇم تۈگىگەندىن كېيىن ئاندىن خوتۇنى بىلەن قىزىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدى.

  «K1503 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ۋوگزالغا كىرمەكچى، ۋوگزالدىن چىقىش ئېغىزىدىكىلەر كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەڭلار.» ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچى توشۇش سېخىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سەي يوڭ سۆزلىشىش ئاپپاراتىنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مۇداپىئە ئەسۋابلىرىنى رەتلەپ، ۋوگزالدىن چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئۇچۇرلارنى تىزىملاشقا تەييارلىق قىلدى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىدىغانلار كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5000 ئادەم ( قېتىم )بولۇپ، ۋوگزالدىن چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇچۇر تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، سەي يوڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە ۋوگزالنىڭ چىقىش ئېغىزىدا نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ۋوگزالدىن چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىدى. «مەنمۇ بىر پارتىيە ئەزاسى، ھالقىلىق پەيتتە چوقۇم ئەڭ ئالدىغا ئاتاكىغا ئۆتۈشۈم، يولۇچىلارنى پاكىز، بىخەتەر سەپەر مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىم كېرەك.» دېدى سەي يوڭ.

  ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى ۋوگزالدىن چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملىماقتا.

  بۇ ئىس - تۈتەكسىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، ئۈرۈمچى ۋوگزالى ھەم قاتناش تۈگۈنى، ھەم تۆمۈريول ۋوگزالىنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش «جېڭى»دىكى ئاۋانگارت بولدى، ۋوگزال پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نەمۇنىلىك، ئاۋانگارتلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، كۈندىلىك مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، بىرىنچى سەپكە پائال ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، «يۇقۇم يوقىتىلمىسا، بىز چېكىنمەيمىز» دېگەن سۆز ۋوگزالدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ قەسىمى، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى قوشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى