شۆھرەت زاكىر جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت - خىمىيە شىركىتىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پۇختا، تەرتىپلىك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت - خىمىيە شىركىتىگە بېرىپ، كارخانىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئۈرۈمچى نېفىت - خىمىيە شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا قوماندانلىق قىلىش مەركىزىدە، شۆھرەت زاكىر كارخانىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىركەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. «ھازىر كۈندىلىك خام نېفىت ۋە بېنزىن، دىزېلنىڭ مەھسۇلات مىقدارى قانچىلىك؟» «زاۋۇت رايونى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىش ئورنىغا چىققان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئاپىرىپ - ئەكېلىدىغان ئاپتوموبىل بارمۇ؟» كارخانىنىڭ يېقىندا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقى، ھەم بازارنى تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى نېفىت - خىمىيە شىركىتىنىڭ سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، مەركەز كارخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلدى، نۆۋەتتە يۇقۇم ۋەزىيىتىدە پائال ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئىجابىي نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، بىز جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى قەتئىي چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىدىن ھەقىقىي ساقلىنىپ، قىلچە بوشاشماي تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.
شۆھرەت زاكىر يەنە ئۈرۈمچى نېفىت - خىمىيە شىركىتىنىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى بىرىنچى بىرلەشمە كونترول بۆلۈمىگە كېلىپ، كارخانىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىدا مۇداپىئەلىنىش، ئۈسكۈنىلەرنى يۈرۈشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ يەنە ئىشچى - خىزمەتچىلەر تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىغا بېرىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ياتاق، ئارقا سەپ كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۈرۈمچى نېفىت - خىمىيە شىركىتىنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت زاۋۇتى بىرلەشمە كونترول مەركىزىدە، شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالارغا بولغان ئېھتىياج تەدرىجىي ئاشىدۇ، كارخانىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تەرتىپلىك ھالدا شارائىتى بار كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.