تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يەتتە چوڭ تەدبىر يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى:

يەتتە چوڭ تەدبىر يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ رۇيفېڭ، شۈ چېڭ) دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زېڭ يىشىن 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى مۇنداق دېدى: بىرنەچچە مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، كەسپىي مۇناسىۋەت بىلەن خېيىم - خەتەردە قالغان تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش، تېببىي خادىملارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملار ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىلىرىگە ۋاقىتلىق خىزمەت ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

زېڭ يىشىن شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقىرىقىدەك ئىپادە بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، كەڭ تېببىي خادىملار باتۇرلۇق بىلەن يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى. يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشكە دائىر بىرقانچە تەدبىر» ناملىق ئۇقتۇرۇشىنى ئۇلاپ تارقىتىپ، يەتتە جەھەتتىكى تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

بۇ يەتتە جەھەتتىكى تەدبىر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت ۋە دەم ئېلىش شارائىتىنى ياخشىلاش، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى قوغداش، تېببىي خادىملارنىڭ تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سەھىيە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوشۇمچە ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، تېببىي خادىملارغا بولغان ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى كۈچەيتىش، تېخىمۇ بىخەتەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتى يارىتىش، كەسىپ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ئىلغارلارنى تەقدىرلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش.

توردا بىۋاسىتە مەلۇم قىلىنغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 24 كىچە، مەملىكەت بويىچە تېببىي خادىملاردىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى 1716 گە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىنىڭ %3.8ىنى ئىگىلىگەن؛ ئالتە تېببىي خادىم بەختكە قارشى قازا قىلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قازا قىلغانلارنىڭ %0.4 ىنى ئىگىلىگەن.

شۇ كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ يىچۇەن مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ بىر يۈرۈش ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللاندى، بۇ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ئېغىر، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى بولغان داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسىي سانغا كىرگۈزۈلمەيدىغان بىر قېتىملىق ئۈنۈم مائاشىنىڭ ئومۇمىي سانىنى تەكشۈرۈپ كۆپەيتىش، تېببىي خادىملارنىڭ ئىشتا يارىلىنىشىنى بېكىتىش «يېشىل يولى»نى ئېچىش، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرىنى ۋاقىتلىق تولۇقلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى ئوۋ ۋېنخەن مۇنداق دېدى: 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنىگىچە، ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەرنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش، داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلىشىنى قوللاشقا قىلغان چىقىمى 25 مىليارد 940 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قاتناشقان تېببىي خادىملار ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىلىرىگە خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللار بويىچە ھەربىر كىشىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۈنىگە 300 يۈەن، 200 يۈەندىن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، بۇ ياردەم پۇل مەبلىغىنى مەركەز مالىيەسى تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ