تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

غۇلجا شەھىرى: بالىلارچە قەلب مۇجەسسەملەنگەن مۇھەببەتنىڭ كۈچى

 

 تىيانشان تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىدىكى بىر شەھەر ئاھالىسى بىر دۆۋە نەرسىنى غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى شياڭشۈيۋەن خەلققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا قويۇپ، ئالدىراشلا كېتىپ قالدى. خەلق ساقچىلىرى بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە سۈت، مىنېرال سۇ، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، تەييار چۆپ ۋە بىر پارچە خەتنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. كۆپ تەرەپتىن ئىزدەش ئارقىلىق، خەلق ساقچىلىرى نەرسە سوۋغا قىلغان جاۋ خانىمنى تاپتى. جاۋ خانىم ئانا-بالىلار بۇيۇملىرى دۇكىنى ئاچىدىغان بولۇپ، ئانا-بالىلار بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ ئۈندىدار توپىدىكى 876 نەپەر ئانا ئۆزى ۋە بالىلىرىغا ۋاكالىتەن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى خەلق ساقچىلىرىغا جاۋ خانىم ئارقىلىق ھۆرمىتى ۋە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان. ناھايىتى تېزلا، خەتنىڭ مەزمۇنىنى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى بىلگەن، كۆپچىلىك بۇ بالىلارچە 876 سەمىمىي قەلبتىن تەسىرلەنگەن.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى