تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭلىق پىدائىيلار نەننىڭدە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرماقتا: چوڭ-كىچىك كوچىلاردىكى ئىتتىپاقلىق ھېكايىسى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز دەي شياۋيې خەۋىرى، سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن) يۇقۇم مەزگىلىدىكى نەننىڭ شەھىرىنىڭ جۇڭخۇا يولى كوچىلىرىدا، ئىلگىرىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن شاۋقۇن يوق ئىدى، پۇقرالار ئۆيىدە ئۆزىنى ئايرىپ تۇرۇۋاتقاندا، بىر توپ پىدائىي چوڭ-كىچىك كوچىلارنى قوغدىماقتا ئىدى. توسۇق تاختىنى يۆتكەش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاپتوموبىللارنى تىزىملاش... بۇ پىدائىيلار نەننىڭ شەھىرى شىشياڭتاڭ رايونى خېڭياڭ كوچىسى جۇڭخۇا ئوتتۇرا يولى مەھەللىسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، جەمئىي سەككىز كىشى، ئۇلار شىنجاڭدىن كەلگەن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەھەللە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سېپىگە قوشۇلغان.

  شىنجاڭلىق پىدائىيلار ئولتۇراق رايونىغا كىرىپ-چىقىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

  2-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 19:00دا، پىدائىيلار ئىچىدىكى ئابدۇقادىر كېبىر نەننىڭ شەھىرى جۇڭخۇا يولى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كوچىسىنىڭ ئېغىزىغا دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى، كېيىنكى 12 سائەتتە، ئۇ بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەن كىشىلەر ۋە ئاپتوموبىللارنى تىزىملايدۇ، سىرتقا چىقالمايدىغان ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشى ھەمدە ئەتراپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىنى مەھەللىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.

  جۇڭخۇا ئوتتۇرا يولى مەھەللىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شيې خۇاجۈەن مۇنداق دېدى: «1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، رايونىمىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھالىتىگە كىرىپ، مەھەللىنىڭ خىزمەت سىجىللىقى زور دەرىجىدە ئاشتى. تەۋەلىكىمىزدە نۇرغۇن ئوچۇق شەكىللىك ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان ئولتۇراق رايون بار، مۈلۈك باشقۇرۇشى يېتەرسىز، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ھەر قايسى كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىنى ياخشى ئىگىلەشكە توغرا كەلگەچكە، خادىملار بىر مەھەل يېتىشەلمەي قالدى.» شيې خۇاجۈەننىڭ ئەڭ چوڭ غېمى، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئايال بولغاچقا، ئېغىر مۇداپىئە رېشاتكىسى ۋە توساق تاختىسىنى يۆتكەشتە قىينىلىپ قالىدىغانلىقى ئىدى.

  شىنجاڭلىق پىدائىيلار نەننىڭ شەھىرى شىشياڭتاڭ رايونى خېڭياڭ كوچىسى جۇڭخۇا ئوتتۇرا يولى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە ياردەملىشىپ، مۇداپىئە رېشاتكىسىنى يۆتكىشىپ بەرمەكتە.

  بۇ ۋاقىتتا، تەۋەلىكتە يەل-يېمىش دۇكىنى ئاچىدىغان ئابدۇقادىر بۇ ئەھۋالنى بىلىپ، تەۋەلىكتە تىجارەت قىلىۋاتقان باشقا يەتتە شىنجاڭلىق بىلەن بىللە مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ياردەم قىلىپ توسۇق تاختىنى يۆتكىشىپ بەردى، ئولتۇراق رايوننىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدا مۇداپىئە رېشاتكىسى قۇردى ھەمدە ئاھالىلەرگە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوستلىرىنىمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش تەلىپىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا دەۋەت قىلدى.

  يەنە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ كېچىدە كوچا ئېغىزىدا نۆۋەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئابدۇقادىر بىلەن مەتتۇرسۇن ھۈسەن ۋە باشقا بىر قانچە پىدائىي مەسلىھەتلىشىپ، مەھەللىدىكى ئايال يولداشلارنىڭ ئورنىدا كېچىدە نۆۋەتچىلىك قىلدى. مەھەللە كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، سەككىز ئادەم تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەر ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، تەۋەلىكتىكى ھەر قايسى كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىدا كېچىلىك نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

  شۇ كۈنى، ئابدۇقادىر قولىغا كىچىك كاناينى ئېلىپ، قۇپقۇرۇق كوچىدا ماڭغاچ، كۆپچىلىككە پات-پات قول يۇيۇش، سىرتقا ئاز چىقىش، كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ يېنىدىكى مەتتۇرسۇن «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار» قاتارلىق تۈرلۈك تەشۋىقات قوللانمىلىرىنى ئاھالىلەرگە تارقىتىپ بەردى ھەمدە سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى.

  مەتتۇرسۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ ئىككى كۈندە سىرتقا چىقىپ تىجارەت قىلالمايۋاتقان دوستلارغا دائىم چۈشەندۈرگەن، پەقەت ھازىر چىڭ تۇرساقلا، يۇقۇمنىڭ ناھايىتى تېزلا تۈگەيدىغانلىقىنى، تىجارەت قىلىدىغان ۋاقىتنىڭمۇ تېزلا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

  شىنجاڭلىق پىدائىيلار نەننىڭ شەھىرىدىكى كوچا-كىچىك كوچىلاردا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات قوللانمىسى تارقاتتى، ئولتۇراق رايونغا كىرىپ-چىققان كىشىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى.

  2-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىر ئابدۇقادىر بىلەن ئالاقىلەشكەندە، ئۇ تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېلىۋاتقانىكەن، تېلېفوندا ئابدۇقادىر ئۆزىنىڭ 10 يىل ئىلگىرى دادىسىغا ئەگىشىپ خوتەندىن نەننىڭ شەھىرىگە كېلىپ، شۇ جايدا يەل-يېمىش دۇكىنى ئاچقانلىقىنى ئېيتتى. شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ئۇلار يەرلىكتىكى كىشىلەر بىلەن ئىنتايىن چىقىشىپ ئۆتكەن، نۇرغۇن خېرىدارلار بىلەن دوستلاردىن بولۇپ قالغان، ئادەتتە كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ سودىسىنى قوللاپلا قالماي، ھېيت-بايراملاردا ئۇلارنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىدىكەن. كۆپچىلىك خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىكەن، ھازىر ئۆزىنىڭ ئىككىنچى يۇرتىمۇ يۇقۇمنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقاچقا، ئۇلار كۈچى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئامال بار كۆپچىلىككە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلغان.

  شيې خۇاجۈەن مۇنداق دېدى: سەككىز نەپەر شىنجاڭلىق پىدائىينىڭ ھەممىسى مەھەللىمىزگە قاراشلىق رايوندا تىجارەت قىلىدۇ، ئۇلار قىزغىن، ئاق كۆڭۈل، جاسارەتلىك. بۈگۈنكى كۈندە، مۇھىم پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بىلەن بىللە قېيىنچىلىقتىن بىللە ئۆتۈۋاتىدۇ، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى ھەم ناھايىتى خاتىرجەم بولدى. ھەممەيلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلاشقان بىر ئائىلە كىشىلىرى، ھەر مىللەت خەلق قەلبداش بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساق، چوقۇم ۋىرۇسنىڭ تۇمانلىرىنى ناھايىتى تېزلا يوقىتالايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل