تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمغا قارشى «جەڭ» مەزگىلىدىكى مۇھەببەت

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يۇقۇمغا قارشى «جەڭ» مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىدە چىرايلىق گۈل ۋە تاتلىق قەنت - گېزەك يوق، مۇلايىملىق بىلەن قۇچاقلاش ۋە سۆيۈشۈش يوق، ھەتتا قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا سالام يوللاشمۇ ناھايىتى تەس. ئەمما ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىدە قىممەتلىك بولغان چۈشىنىش ۋە ھالىغا يېتىش، ئىللىق بولغان غەم يېيىش ۋە قوللاش بار.  قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئۇلار، ئەڭ گۈزەل باھارنىڭ يېتىپ كېلىپ گۈللەرنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە.

  سىز بىخەتەر قايتىپ كەلگەندە، بىز ئۆيلىنىش خېتى ئالغىلى بارىمىز

  «لۈي جۈن، سىز بىخەتەر قايتىپ كەلگەندە، بىز بېرىپ ئۆيلىنىش خېتى ئالايلى!» شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى داۋالاش ئەترىتى يىغىلىشنى تاماملاپ خۇبېيغا مېڭىشتىن بۇرۇن، ۋاڭ خې ئاۋاز كۈچەيتكۈچنى تۇتۇپ داۋالاش خادىملىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىدا بۇ سۆزنى ئۇدا تۆت قېتىم ئۈنلۈك ئاۋازدا دېگەندىن كېيىن، كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى.

   بۇ تارتىنچاق شەرقىي شىماللىق قىزنىڭ باتۇر، قىزغىن ھەقىقىي ھېسسىياتى تېخى نەچچە مىنۇتنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىۋاتقان قەيسەر ئوغۇل دوستى لۈي جۈننىڭ كۆز ياشلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتاتتى.

  لۈي جۈننىڭ ۋاڭ خېنىڭ يۈزىنى تۇتۇپ پېشانىسىگە پېشانىسىنى تەگكۈزۈپ، ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان خوشلاشقان كۆرۈنۈشىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈرەت ئارقىلىق خاتىرىلەپ، تېزلىكتە پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى. «قىزنىڭ كۆز يېشى شۇنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇ ئوغۇل دوستى بارىدىغان جاينىڭ قانچىلىك خەتەرلىك، قىلىدىغان ئىشىنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ھەققانىيەت يولىدىن قايتمىدى.» بىر چەت ئەللىك تورداش سۈرەتكە شۇنداق باھا بەرگەنىدى.

  ئۆزى ۋە قىز دوستىنىڭ سۈرىتى پەيدا قىلغان قىزغىن ئىنكاسلارغا نىسبەتەن، لۈي جۈن ئويلىمىغان يەردىن  پىسەنت قىلىپ كەتمىدى. ئۇنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنى ئۈچ يىل مۇھەببەتلەشكەن قىز دوستى بىلەن پىلان بويىچە خېيلۇڭجياڭغا بېرىپ بولغۇسى قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنى يوقلىيالمىغان ئىش ئىدى.

      ئۆتىدىغان ئىش ئۆتتى، داۋالاش ئەترىتى خادىملارنى جىددىي تاللىغاندا، لۈي جۈن بىلەن ۋاڭ خې مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا تۇنجى بولۇپ قولىنى كۆتۈردى.

  «تەشكىل ئىككىڭلار تەڭلا ئالدىنقى سەپكە بارساڭلار بولمايدۇ، دېگەندە، ئاندىن ئۇنىڭمۇ قول كۆتۈرگەنلىكىنى بىلدىم. مەن ئادەمنى خاتا تاللىماپتىمەن! گەرچە خۇبېيغا بېرىپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلالمىساقمۇ، لېكىن مەن چوقۇم ئارقا سەپنى ياخشى ساقلاپ ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىمەن.» دېدى ۋاڭ خې سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھەمدە ئۇرغۇلۇق ھالدا، «ئۇ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ياتلىق بولىمەن.» دېدى.

  ۋىرۇسنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، سىز تەرەپكە قاراپ ئۇچىمەن

  بۇ يىل بۇ مەيدان يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۆز قەرەلىدە ئېلىپ بېرىلمىغان بۇ توينى قوشقاندا، ما چېنچېن بىلەن ما لىنىڭ توي مۇراسىمى 3- قېتىم «كېچىكتۈرۈلدى». 1- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئەسلىدە ئۇلار ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇراسىم  كۈنىنى ئۆتكۈزمەكچى ئىدى.

  ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولغان بولسا، بۇ توي مۇراسىمى ئۈچ يىل بۇرۇنلا ئۆتكۈزۈلەتتى. چۈنكى ما لى بىر جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر- ساقچىسى بولۇپ، بېكىتىلگەن توي مۇراسىمى ۋاقتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش بۇيرۇقى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغاچقا، ئۇ ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي كېيىنكىسىنى تاللىدى.

  ما چېنچېن خاپا بولۇپ، ئۇۋالچىلىق تارتقاندەك ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى تىنچلاندۇرۇشقا تىرىشتى، «ئۇ دەل شۇنداق ئادەم، ئۆزىنىڭ قانچىلىك كۈچى بولسا، شۇنچىلىك كۈچ چىقىرىدۇ.»

  ما لى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى، ئۆيىدە يالغۇز تۇرغان ما چېنچېنمۇ  ئۆزىنى بىكار قويمىدى. ئۇ ھەر كۈنى ئۈندىدار ئارقىلىق سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ـ ئانىلىرىغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئەۋەتىپ: «بۇ يىرگىنىشلىك ۋىرۇسنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىشنى ئويلىدى. »

  قايتا-قايتا كەينىگە سۆرۈلۈپ كېتىۋاتقان توي مۇراسىمىغا كەلسەك، ما چېنچېن يەنىلا تەقەززالىق بىلەن: «يۇقۇمنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى، توي مۇراسىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى.

  ئەمدى ماڭا ياخشى ھەمراھ بولۇڭ

  «تېلېۋىزوردا، ئۆيدە ئولتۇرۇپ، سىرتلارغا قالايمىقان چىقماسلىقنىڭ ئۆزى دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلىق، دېدى» يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرگەن چېڭ شوۋدې ئاشخانىغا كىرىپ، ئالدىراش ئىش قىلىۋاتقان خوتۇنىغا شۇنداق دېدى.

      ئۆيدىن سىرتقا چىقماي ئولتۇرغان بۇ كۈنلەر ئەر - خوتۇن ئىككىسى تونۇشقان  68 يىلدىن بۇيان بىر-بىرىگە ھەمراھ بولغان ئەڭ ئۇزۇن كۈنلەر بولۇپ بولدى.

  86 ياشلىق چېڭ شوۋدې شىنجاڭ گېئولوگىيە قېزىلما بايلىقلار ئىدارىسىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسى بولۇپ، بۇلتۇر ھەقىقىي ھالدا پېنسىيىگە چىققان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ جەم بولۇشى ئاز، ئايرىلىپ تۇرىدىغان ۋاقىتلىرى كۆپ ئىدى.

  «ھازىر، بوۋاي ئاخىرى ئۆيدە ماڭا ھەمراھ بولىدىغان بولدى.» گەرچە بۇ گەپتە سەل ئاغرىنىش ھېسسىياتى بولسىمۇ، ئەمما لۈي مىڭنىڭ كۆزلىرى باشتىن - ئاخىر ھەمراھىنىڭ چىرايىغا تىكىلگەنىدى.

  يېڭى جۇڭگونىڭ بىرىنچى ئەۋلاد رايون گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېڭ شوۋدې يىل بويى دالىدا خىزمەت قىلاتتى، ۋاھالەنكى ئەترەت دوختۇرى ۋە خوتۇنى بولغان لۈي مىڭ بولسا، ھەمىشە ئۇنىڭ غېمىنى يەپ، ئەنسىرەپلا يۈرەتتى. ئەر - خوتۇن ئىككىسى بىر يىلدا بىر نەچچە قېتىممۇ كۆرۈشەلمەيتتى.

  كېيىنچە چېڭ شوۋدې ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، دالىغا چىقىدىغان پۇرسىتى ئازايغان بولسىمۇ،  ئەمما ئىشخانىدىكى ۋاقتى يەنىلا ئۆيىدىكىدىن كۆپ بولدى.

  ھازىرقى چېڭ شوۋدې ھەمراھىنىڭ كېچە- كۈندۈز ھەمراھ بولۇۋاتقىنىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. تۇرمۇشتىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئايالى باش قاتۇرىدۇ، ئۇ پەقەت كىتاب ئوقۇش، گېزىت كۆرۈش، بەدەن چېنىقتۇرۇشقىلا مەسئۇل.

  ئادەم قېرىغاندا، ھەمىشە ياش  چاغلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق تاسادىپىي ئۇچرىشىشىنى ئەسلەيدۇ.

  1952- يىلى، چاڭچۈندە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت يىغىنىدا، ئۇ ئىككىسى تۇنجى قېتىم كۆرۈشىدۇ. قىزنىڭ مەكتىپىنىڭ تامىقى ياخشى بولۇپ، يىگىتكە بىر پارچە گۆش بۆلۈپ بېرىدۇ، ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ لۈي مىڭ ئىسىملىك بۇ قىزنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇۋالىدۇ.

  1955- يىلى چېڭ شوۋدې داشۆنى پۈتكۈزۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەڭ جاپالىق جايلارغا تەقسىم قىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شىنجاڭدا، ئۇ ئويلىمىغان يەردىن ئۆزى دائىم ئېسىدىن چىقارمايدىغان ئاشۇ قىزنى بايقاپ قالىدۇ، ئەسلىدە ئۇمۇ مۇشۇ يەردە ئىدى.

  بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، چېڭ شوۋدې ئەر - خوتۇن ئۇلار ئۇچراتقان ئەڭ زېرىكىشمەيدىغان بىر جۈپلەر ئىكەن. 80 - 90 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، نەگىلا بارسا قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىكەن، سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان گەپلىرى بار ئىكەن...

  «ھاۋا ئىللىپ، يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بىز سۇ ئۈزگىلى بارىمىز، ياخشى چېنىقىپ، ياش ۋاقتىمىزدا بىللە بولالمىغان كۈنلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى تولۇقلايمىز!» كەلگۈسىگە نىسبەتەن، لۈي مىڭ ئۈمىدكە تولغانىدى.

  ئەڭ «يىراق» بىر كىلومېتىر يولنى بېسىپ ئۆتۈپ، سىزنى قۇچاقلىغۇم بار

  خۇاڭ جاۋنەن بىلەن خوتۇنى جاۋ جىڭنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ ئارىلىقى پەقەتلا بىر كىلومېتىر كېلىدۇ، بىراق بۇ ئىككىيلەن يۇقۇمنى توسۇپ زەربە بېرىشنىڭ ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامىغا تەڭلا ئاتلانغاندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ كۆرۈشمىكى تەسكە توختىدى.

  جاۋ جىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ سېستراسى بولۇپ، قىزىتما ئامبولاتورىيەسىدە دىجورنىلىق قىلىدۇ، بۇ مەزگىلدە خىزمەت بېسىمى شىددەت بىلەن ئېشىپ، ئەڭ ئالدىراش بولغاندا ئۇدا 36 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. مەسئۇلىيەت زىممىسىدە، «ئالاقىلىشالماسلىق» دائىملىق ئىش بولۇپ قالغاچقا، خۇاڭ جاۋنەننىڭ يۈرىكى پات - پات ئاغزىغا تىقىلىپ قالغاندەك بولاتتى.

  خوتۇنى بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دەم ئېلىپ ئۆيىدە چاغان ئۆتكۈزگەن ئوت ئۆچۈرۈش تىرېنېرى خۇاڭ جاۋنەن دەم ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇددەتتىن بۇرۇن قىسىمغا قايتتى، ئۇ بىرىنچى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئايالىغا ھەمراھ بولدى.

  «ئەڭ يىراق <بىر كىلومېتىر> يولنى بېسىپ ئۆتۈپ، سىزنى قۇچاقلىغۇم بار.» خۇاڭ جاۋنەن بوش ۋاقتى بولسىلا ئۈندىدار ئارقىلىق ئايالىغا مېھىر - مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىدۇ. گەرچە جاۋ جىڭنىڭ قاچان كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇ پەقەت ئايرىم سۆزلەرگە جاۋاب قايتۇرسىمۇ، خۇاڭ جاۋنەننىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ.

  ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، بىز ئائىلە خاتىرە سۈرىتى چۈشەيلى، بۇ قېتىم  ھەرگىز ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان  ئىشنى قىلمايمەن

  «بالا ئۇخلاپ قالدىمۇ؟ بۈگۈنكى خىزمىتىڭىز يەنە جاپالىقمۇ؟ تۈن نىسپى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى بېسىققاندا، قادىل بايبولات خوتۇنى گۈلنۇر جۇماش بىلەن ئۈندىداردا سىنلىق كۆرۈشتى.

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمىتىگە قاتناشقان ئۈچ يىل جەريانىدا، قادىل ئائىلىسىدىكىلەرگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدى. بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى يۇقۇم ھۇجۇمىدا، ئىككىنچى بالىسىنى تۇغۇپ تېخى ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان خوتۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن «جەڭگاھ»قا چىقىپ، تەكشۈرۈش بۆلۈمى دوختۇرىلىق خىزمەت ئورنىنى چىڭ ساقلىدى، قادىلنىڭ ئۇنىڭغا بەك ئىچى ئاغرىدى.

  «ھەممىسى ياخشى، ئۆيدىن ئەنسىرىمەڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ، چېجى كەنتىنى ياخشى ساقلاڭ» گۈلنۇر پەخىرلەنگەن ھالدا كۈلۈپ كەتتى، «سىز ھەمىشە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ دەيتتىڭىز، بۇ قېتىم سىزگە داۋالاش خادىملىرىمىزنىڭ غايىسى ۋە ئېتىقادىنى كۆرسىتىپ قوياي .»

  «گۈلى، ئوغلىمىزنىڭ بىر ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى كېلەي دەپ قالدى. بۇ قېتىم يۇقۇمغا قارشى <جەڭ> ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆيگە قايتقاندا، بىز بىرلىكتە ئائىلە خاتىرە سۈرىتى چۈشەيلى، بۇ قېتىم مەن ھەرگىز ۋەدەمدە تۇرمايدىغان ئىشنى قىلمايمەن.» دېدى قادىل بوش ئاۋازدا قەتئىيلىك بىلەن خوتۇنىغا ۋەدە بېرىپ.

  بىر خىل رومانتىكىلىق بار «سىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىمەن» دەيدىغان

  ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىدا ئۈچ كۈن كۆرۈشمىگەن خوتۇنى ئولوم بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغاندا، خەلق ساقچىسى ئارسلان ھەم ھەيران قالدى، ھەم خۇشال بولدى. بىر مەھەل ھاڭۋېقىپ قالغان ئېرىنى كۆرگەن ئولوم سەل كۆرەڭلىگەن ھالدا كۈلۈپ قويدى: «قانداق، مەن سىزگە تەييارلىغان خۇشاللىقتىن رازى بولدىڭىزمۇ؟»

  ئولوم ئىقتىدار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەسلىدە ئارسلاننىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئەمما ئۇ ئېرى بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش «جەڭگاھ»ىغا بېرىش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ، ئايرىۋېتىلگەنلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «بالىنى ئاپام-دادامنىڭ ئۆيىگە ئاپېرىپ، ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم، غەم قىلماڭ، مېنىڭچە، سىز بىلەن يېقىنراق تۇرسام، ئىككىمىز پات - پات بىر-بىرىمىزنى كۆرۈپ، ئازراق بولسىمۇ خاتىرجەم بولىدىكەنمىز، بۇمۇ بىر تەسەللىيكەن.» ئولومنىڭ گەپ - سۆزلىرىدىن بىر ئاز قىيالماسلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش چىقىپ تۇراتتى، «بىلەمسىز،  بىر خىل رومانتىكىلىق بار ، <سىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىمەن> دەيدىغان.  بىز چوقۇم ئۆزىمىزنى ياخشى قوغداپ، بىرلىكتە چىڭ تۇرۇپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلىدىغان ئاشۇ كۈننى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك!»

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ