قەدىردىن (زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)
قەدىردىن (سولدا) ۋە ئىليار (زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)
نۆۋەتچىلىك ئاخىرلىشىپ، ئىشتىن چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان قەدىردىن. (زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دەي شياۋيې خەۋىرى): بۇ قىشلىق تەتىل، شىنجاڭدىن كەلگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى قەدىردىن ئەخمەت ۋە ئەليار ئەنۋەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر قىشلىق تەتىل بولدى. 2- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ، ئىككىيلەن خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرى جياڭخەن چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىگە كىردى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى قاتتىق نۆۋەتچىلىك قىلىش ئىدى.
2- ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 8لەردە، قەدىردىن بىلەن ئەليار بىر كىلومېتىر پىيادە يول يۈرۈپ، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى بىر تۇتاش ياتىدىغان مېھمانخانىدىن جياڭخەن چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىنىڭ 2- نومۇرلۇق ئىشىكىگە يېتىپ كېلىپ، بىر قېتىملىق مۇداپىئە قالپىقى، يەنە قوغدىنىش كىيىمى كىيىپ، ماسكا ۋە كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقاپ، پۈتۈن بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىۋەتتى، بۇ كۈنى، ئۇلار ئۆزى مەسئۇل بولغان رايوندا ئەتىگەن سائەت 8دىن كەچ سائەت 8گىچە نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ.
12 سائەت داۋاملىشىدىغان نۆۋەتچىلىك جەريانىدا، ئۇلار باشقا 100دىن ئارتۇق ئامانلىق ساقلاش خادىمىغا ئوخشاش ئۆزىنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن چوقۇم پۈتۈن بەدەننى دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك، بۇ ئىككى يىگىت دېزىنفېكسىيە سۈيىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ تۇرىدىغان ئەھۋالدا تاماق يېيىشكە ئاللىقاچان كۆنۈپ قالغانىدى.
جياڭخەن چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىنىڭ كۈندۈزلۈك ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى دەن لۇنىڭ ئېيتىشىچە، قوغدىنىش كىيىمى قىس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇتاش لايىھەلەنگەن بولغاچقا، بىر قېتىم كىيىپ سالغاندىن كېيىنلا قايتا ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى تېجەش ئۈچۈن، ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىكىدىن سۇنى ئاز ئىچىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئامالنىڭ بارىچە ھاجەتخانىغا بارمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوغدىنىش كىيىمى پۈتۈنلەي ھىم بولغاچقا، 12 سائەت جەريانىدا، ھەر بىر ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىدىكى ئەزالار چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىدىكەن.
قەدىردىن مۇنداق دېدى: نەق مەيداندا نۆۋەتچىلىك قىلغاندا، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئارا بەش مېتىر ئارىلىق ساقلايمىز، مۇداپىئە كىيىملىرىنى كىيىپ شۇ يەردە تۇرىمىز، پاراڭلاشمايمىز، يان تېلېفون ئوينىمايمىز، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن قوغدايمىز، «بەزىدە ئۇزۇنراق تۇرۇپ كەتسەك، ئىچىدىكى بىزدىن نەچچە يۈز ھەسسە جاپا تارتىۋاتقان داۋالاش خىزمەتچىلىرىنى، يەنە ئاشۇ بىمارلارنى ئويلايمىز، يەنە يۇقۇم ئەھۋالى ئۆتۈپ كەتكەندە ئۆزىمىز قىلىدىغان ئىشلارنى ئويلايمىز.»
ئەگەر بۇ يۇقۇم ئەھۋالى بولمىغان بولسا، قەدىردىن يەنىلا قىشلىق تەتىلدە مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇيدىغان ئادەتتىكى ئوقۇغۇچى ئىدى، جەمئىيەت تەجرىبىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوشۇمچە خىزمەت تاپقان بولاتتى، ئەليارمۇ قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ يېقىن دوستلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغان ئادەتتىكى ساياھەتچى ئىدى.
قەدىردىننىڭ ئېيتىشىچە، ئەليار ئىككىلىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر خۇبېي سانائەت پەنلىرى داشۆسىنىڭ 1ـ يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن، ئەليار سەنشى داشۆسىنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن. بۇ تەتىلدە، ئىككىيلەن ۋۇخەندە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئوقۇيدىغانغا ۋەدىلەشكەن، ئەليار تەتىلگە قويۇپ بەرگەندىن كېيىن تەييۈەندىن ۋۇخەنگە كەلگەن، بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئۇلار قوشۇمچە خىزمەت قىلىدىغان ئورۇن يۇقۇم سەۋەبىدىن ئىشتىن توختىغان. بۇ چاغدا، قەدىردىن دوستلار چەمبىرىكىدىن چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىككەيلەن دەرھال تىزىملاتقان.
قەدىردىن مۇنداق دېدى: ئەليار ئىككىمىزنىڭلا بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشقۇمىز بار.
بۇ ئىككى شىنجاڭلىق بالا تىلغا ئېلىنسا، دەن لۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار ناھايىتى ئىش ئۇقىدىغان، ئەدەپلىك، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بالىلار ئىكەن. «ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ ئىككىسىنى ناھايىتى كېلىشكەن، دەپ ماختىشىدۇ، ماسكا ۋە كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقىۋالسىمۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ كېلىشكەن قىياپىتىنى توسۇۋالالمايدۇ.» دېدى ئۇ تېلېفوندا كۈلۈپ تۇرۇپ.
بۇ ئىككى كۈندە، قەدىردىن بىلەن ئەليارنى ئەڭ خۇشال قىلغان ئىش بولسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشى ئىدى، ھەر قېتىم دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلار بولسا، ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرى نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئورۇندا ئۇلارغا يىراقتىن قارىغاچ، ئۇلارنى چاۋاك چېلىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. «ھەر كۈنى ئالدىنقى كۈندىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۈمىد بار، ۋۇخەن چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ۋۇخەن غەيرەت قىل! جۇڭگو غەيرەت قىل!» دېدى قەدىردىن.