تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر بۆلەك «قارا يورغا» ئۇسسۇلى − دوختۇرلارنىڭ چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتى

خوۋ خۇي

2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ۋۇخەن مەدەنىيەت يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىدا شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش ئېلىنغان سىن توردا كەڭ تارقالدى.

سىندىكى ئۇسسۇل يېتەكچىسى شىنجاڭنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى باھارگۈل تولقىن بولۇپ، داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى ئىدى.

بۇ سىننى ئاچقاندا، شوخ مۇزىكا ئاۋازى يان تېلېفوندىن ياڭراپ تۇراتتى. ماسكا تاقىۋالغان بىر توپ ئاغرىق باھارگۈلگە ئەگىشىپ قازاق مىللىتىنىڭ خەلق ئۇسسۇلى«قارا يورغا»نى ئويناۋاتاتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ، چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىدا ئەڭ ئالقىشلانغان مەيدان ئۇسسۇلى ئىكەن.

شىنجاڭلىق بىر تورداش مۇنداق دېدى: «بۇ سىننى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۆزۈمگە ياش ئالدىم. ئۈمىدۋار ۋە ئوچۇق - يورۇق بۇ كۈچ چوقۇم ۋۇخەندە تارقىلىدۇ، يۇقۇم تۈگىگەندىن كېيىن كۆپچىلىك قۇملۇقتىكى توغراقلىق، سايرام كۆلى، نارات يايلىقىنى كۆرگىلى كېلىڭلار، كاۋاپ، پولۇ، داپەنجى يەپ، كاۋاس، شىخو پىۋىسى ئىچىپ كېتىڭلار!»

بۇ يەنە بىز ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ قەلب سۆزى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ خۇبېيغا ئۈچ تۈركۈم داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتتى، تۈركۈم - تۈركۈم ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزدى، شۇنداقلا شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۈمىدۋارلىقى ۋە قىزغىنلىقىنى يەتكۈزدى. ئاپەت ۋە ھايات - مامات ئالدىدا، باھارگۈل ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ ھاياتىي كۈچى ھەمدە تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى شۇ جايدىكى كىشىلەرگە يەتكۈزدى. ئۇلارغا ھاياتلىقنىڭ جۇشقۇن كۈچىنى ھېس قىلدۇردى، يالقۇنجاپ تۇرغان ئۈمىد نۇرىنى كۆرسەتتى، ۋىرۇس بىلەن جەڭ قىلىش جاسارىتى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

بۇنىڭدىن بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىزكى، «مېھرىبان دوختۇر» بولۇش دېگەنلىك يالغۇز تېببىي خادىملارنىڭ ئاغرىقلارنىڭ ساغلاملىقىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشىنىلا كۆرسەتمەيدۇ، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئاغرىقلارنىڭ قەلبىنى يورۇتالىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

بىز باھارگۈلنىڭ چىرايىنى كۆرەلمەيمىز، لېكىن ئۇنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەربىر ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى جايىدا ئورۇنلىغان ھالىتى ھەقىقەتەن چىرايلىق، ئاغرىقلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە تىرىشقان ھالىتى ھەقىقەتەن چىرايلىق. ئىشىنىمىزكى، تۇمان ھامان تاراپ كېتىدۇ، باھاردا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، بىز ھەممىمىز ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا ئەركىن - ئازادە ياشايمىز.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ