تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز «ئۇچراشماسلىق شەكلى»دە باج بېجىرىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى

149 تۈرلۈك باج - ھەق ئىشىدا «بىر قېتىممۇ قاتراتماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە باج - ھەق ئىشلىرىنى بېجىرىشتە «بىر قېتىممۇ قاتراتماسلىق»نى يولغا قويىدىغانلىقىنى ھەم بۇنىڭغا چېتىلىدىغان 149 تۈرلۈك باج - ھەق ئىشىنى بېجىرىش تىزىملىكى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تىزىملىك» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى.

«باج - ھەق ئىشلىرىنى بېجىرىشتە <بىر قېتىممۇ قاتراتماسلىق> ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ <قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش> ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، باج يىغىش تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق نەتىجىلىرىنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، <ئۇچراشماسلىق شەكلى>دە باج ئىشلىرىنى بېجىرىش كەسپىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر». ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان باج - ھەق ئىشلىرىنى بېجىرىش تىزىملىكى تالون بېجىرىش، باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ۋە باجدىن باشقا كىرىم كەسپىنى بېجىرىش قاتارلىق 14 چوڭ تۈردىكى 149 مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، %90تىن ئارتۇق باج - ھەق كەسپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، باج - ھەق ئىشلىرىنى توردا بېجىرىش، بارماق بىلەن چېكىپلا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، باج تاپشۇرغۇچىلار، ھەق تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە باج - ھەق ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىندى.

«ھازىر تالوننى پوچتىدىن ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىۋاتىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى بۇ مۇلازىمەت ھەقىقەتەن كۆڭلىمىزنى ئىللىتتى!» 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پوچتا ھەقسىز يەتكۈزۈپ بەرگەن 49 پارچە قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ساۋەن ناھىيەسى خۇڭدا نېفىت - خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى چېن خۇي خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى باج تاپشۇرۇش ئىناۋىتى C دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسىدە ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغان قەغەز تالوننى ھەقسىز پوچتا ئارقىلىق ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تالون ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرىدىكەن، تالون ئېلىش، تالون ئىشلىتىش باج بېجىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن «پۈتۈن مۇساپىنى ئۆيىدە بېجىرىش» «بىر قېتىممۇ قاتراتماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نەق مەيداندا باج بېجىرىشنىڭ گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىش خەۋپ - خەتىرى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىلىدىكەن.

«بىز شىنجاڭدىكى ھەق تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل ھەق تاپشۇرۇشنىڭ يوللىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى، ئىدارە تېرمىنالى، يان تېلېفون APPسى ۋە ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىق ئاپتوماتىك ھەق تاپشۇرۇش ئاساس قىلىنغان، باجنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تۇتۇپ قېلىشنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇش، ۋاكالىتەن يىغىش تېرمىنالىنى قوللاش، POS ئاپپاراتى تىرەك بولۇشتىن ئىبارەت بىرىكمە ھەق تاپشۇرۇش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىمىز». ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى باج ئېلىش - باشقۇرۇش ۋە پەن - تېخنىكا تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر تورغا چىقىرىلغان ئورۇنلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش يوللىرى ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى، ئىدارە تېرمىنالى ۋە ئەمەلىي گەۋدە باج بېجىرىش زالىدا ئىلتىماس قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل. بۇنىڭدىن باشقا، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىگە قارىتىلغان ھەق تاپشۇرۇش شەكلى 13 خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى، ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى، ئورۇن تېرمىنالىنىڭ باجنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تۇتۇپ قېلىشى ئاساسلىق ھەق تاپشۇرۇش يولى قىلىنىپ، ئومۇمىي باج ئېلىش خىزمىتىنىڭ %96ىنى ئىگىلەپ، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى