شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارى مۇخبىر پاڭ شۇاڭشۇاڭ خەۋىرى) «مەن ھەربىي يەڭگە، مەن تىزىملاتتىم! ھەر ۋاقىت چاقىرىق كۈتىمەن. سىز ئېگىزلىكتە خىزمەت قىلىسىز، ئۆزىڭىزنى بەك ئاسراڭ، مەندىن ئەنسىرمەڭ.» 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىدىكى سېسترا رەشىدىخان ئىمەر ۋۇخەنگە بېرىپ جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسىغا ئىمزاسىنى قويدى ھەمدە بارماق ئىزىنى باستى. ئارقىدىن، قارلىق ئېگىزلىكتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئېرىگە تېلېفون قىلدى.
«كېسەللەرنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەن ئۇنى قوللايمەن!» دېدى رەشىدىخاننىڭ ئېرى.
رەشىدىخان تەجرىبىسى مول ICU سېستراسى بولۇپ، يىل بويى كېسەل داۋالاش ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلماقتا. ئېرى قىسىمدا خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، يىل بويى ئۆيدە بولالمايدۇ، خىزمىتىدىن باشقا، ئۇ يەنە بالىسى ۋە ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن ئۆزى يالغۇز خەۋەر ئالىدۇ. بەزىدە ئۇمۇ ئاغرىنىپ قالاتتى: «ئەگەر ئېرىم قايتىپ كېلىپ، ماڭا ئازراق ياردەم قىلالىغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە.» ئەمما ئۇ ئېرىنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئالدى بىلەن دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەتتى.
بۇلتۇر دادىسى ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، ئېرىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئۇ دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئېغىر يۈكنى ئۆزى يالغۇز ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلىپ، بوۋاينىڭ كېسىلى ياخشىلانغاندا ئاندىن ئېرىگە ئۇقتۇردى. ئېرى نېمىشقا بالدۇرراق ئېيتمىدىڭىز، دەپ ئۇنىڭدىن ئاغرىنغاندا، رەشىدىخان: «سىز شۇنچە يىراق جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتسىڭىز، سىزگە ئېيتسام غېمىڭىزگە غەم قوشقان بولمامدىم» دېگەنىدى.
چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىدە، تۈمەنلىگەن ئائىلىلەر جەم بولىدىغان پەيتتە، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئارمىيە تېببىي داشۆسىدىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ قەتئىيلىك بىلەن تەتۈر يۆنىلىشكە مېڭىپ ۋۇخەنگە بېرىشنى تاللىغانلىق خەۋىرىنى كۆرگەندە، رەشىدىخاننىڭ قەلبى لەرزىگە كەلدى. ئېرىنىڭ يىل بويى دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى قوغداۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ھەربىي ئائىلە تاۋابىئاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتكە بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئويلاپ، ئۇنىڭدا ۋۇخەنگە بېرىپ پىدائىي بولۇش ئويى پەيدا بولدى. ئۇ بۇ ئويىنى ئېرىگە ئېيتقاندا، ئېرى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سىزدە بۇنداق يۇقىرى ئاڭنىڭ بولغانلىقىدىن بەك خۇشال بولدۇم. بىر داۋالاش خادىمى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىزدا پىداكارلىق بىلەن جەڭ قىلىشىڭىز كېرەك. بېرىڭ، مەن سىزنى قوللايمەن».
ئىدارىگە بارغاندا، رەشىدىخان رەھبەرلىككە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى دوكلات قىلدى، ئىدارىمۇ خۇبېيغا ياردەم بېرىش ئىشىنى پىلانلاۋاتقان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەربىينىڭ ئايالى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم».
ھازىر، رەشىدىخان ئائىلىسىدىكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى، تەشكىلنىڭ بۇيرۇقى كەلسىلا، ئۇ «جەڭ مەيدانى»غا قاراپ ئاتلىنىدۇ.