سۈن جىدەننىڭ بىر كۈنى كېسەلخانىنى تەكشۈرۈشتىن باشلىنىدۇ.
يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، ئۇ كۈندۈزلۈك،كېچىلىك ئىسمېنىدا ئۇدا ئالمىشىپ ئىشلىدى، 3-دەرىجىلىك مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، كۆز قوغداش ئەينىكى قاڭشىرىنى ئاغرىتسىمۇ، دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ھەر كۈنى قايتا-قايتا كۆزەتتى.
2-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 21دە، سۈن جىدەن بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ياتىقىغا قايتىپ كەلدى. سائەت 22بولغاندا، ئۇ ئۆيىدىكىلەر بىلەن تېلېفوندا سىنلىق پاراڭلاشتى، ئوغلى تېلېفوندا: «ئاپا، سىز ئۆيگە قايتمىغىلى قانچە كۈن بولدى، بىلەمسىز؟» دەپ سورىدى.
سۈن جىدەن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى، يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، ئۇ خىزمەت ئورنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى سەپتە ئۇدا 21 كۈن «كۈرەش» قىلدى.
ئۇ توققۇز ياشلىق ئوغلى ۋە ئوپېراتسىيەدىن چىققان ئاپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپلا بىرىنچى سەپكە باردى
سۈن جىدەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ يىلقى چاغان ئادەتتىن تاشقىرى ئالاھىدە بولدى. ئۇ چوقم خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە دوختۇرخانىنىڭ ياتىقىدا يېتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش ئىشلىشى كېرەك ئىدى.
چاغان ھارپىسى كۈنى، دوختۇرخانىنىڭ ئەتىلا ئىش ئورنىغا چىقىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگنلەش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۈن جىدەن ئالدى بىلەن «دوختۇرخانىغىغۇ چوقۇم بارىمەن، لېكىن ئاپام بىلەن ئوغلۇمغا قانداق دەرمەن؟» دېگەنلەرنى ئويلىدى.
ئۇنىڭ ئاپىسى يېڭىلا ئوپىراتسىيەدىن چىققان بولۇپ، يارا ئېغىزى تېخى ساقايمىغان، ئوغلى بولسا ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەنىدى، ئېرىمۇ خىزمەت سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە ئۆيگە قايتالمايتتى، ئۇ سەل قىينىلىپ قالدى، قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلەلمىدى.
قىزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالغان ئاپىسى كېلىپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېنىك ئۇرغىنىچە:«بىرەر ئىش بارمۇ قانداق؟ ئەگەر قارار قىلغان بولسىڭىز بېرىڭ، قوغدىنىشقا ۋە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ، مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ، نەۋرەم ماڭا ھەمراھ بولىدۇ» دېدى.
«ئاپا، سەن خەتەرلىك جايغا بارامسەن؟» دېدى ئوغلى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئەنسىرىگىنىچە.
«باشقىلار ئاغرىپ قاپتۇ، مەن ئۇلارنى داۋالىغىلى بارىمەن، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىمەن.» سۈن جىدەن يىغلاپ تۇرغان ئوغلىغا تەسەللى بەردى.
«سىز بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى قەھرىمان، گەرچە ئۆيىمىز سىزگە موھتاج بولسىمۇ، لېكىن بىمارلار سىزگە تېخىمۇ موھتاج.» سۈن جىدەننىڭ ئېرى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن تېلېفون بېرىپ شۇنداق دېدى.
ئائىلىسىدىكىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئەتىسى سۈن جىدەن ئۆيىدىن ئايرىلىپ دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى.
ئۇ جەڭدە يالغۇز ئەمەس
كېسەلخانىنى تەكشۈرۈش، كېسەللىك تارىخى يېزىش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى چۈشۈرۈپ بېرىش... چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئىش ئورنىغا چىقىپلا، سۈن جىدەن دوختۇرخانىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ ئالدىراشلىقتىن بېشىنى كۆتۈرگىنىدە چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ كېتەتتى.
سۈن جىدەن تاماقنى تېز-تېز يەپ، دەم ئېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا، 3-دەرىجىلىك مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، ئايرىپ داۋالاش كېسەلخانىسىغا كىرىپ، بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرەتتى. بىر قېتىملىق ئادەتتىكى كېسەلخانا تەكشۈرۈشىگە ئاز دېگەندە ئىككى سائەت كېتەتتى. نۇرغۇن بىمارنىڭ كەيپىياتى چۈشكۈن ياكى ئىچى تىتىلداپ تۇرغاچقا سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارنى يېتەكلەش زۆرۈر ئىدى.
«بەزى بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، نۇقتىلىق دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە سوراشقا توغرا كېلىدۇ. دائىم كېسەلخانىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، پۇتلىرىم خۇددى قوغۇشۇن بىلەن قۇيۇۋەتكەندەك ئېغىرلىشىپ، پۈتۈن بەدىنىم تەرلەپ، قول بېغىشىمغا قوغدىنىش كىيىمىنىڭ ئىزى چىقىپ كېتىدۇ» دېدى سۈن جىدەن. لېكىن بىمارلار ھەر قېتىم «جاپا چەكتىڭىز» ياكى «رەھمەت سىزگە» دېسە، ئۇ دەرھال يەنە غەيرەتكە كېلىدۇ.
كۈندۈزى ئالدىراش بولغاچقا، ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتەتتى، كەچلىك ئىسمىنىدا بولسا سەل قىينىلاتتى. «كېيىنكى يېرىم كېچىدە سەل مۈگدەپ قالىمىز، لېكىن بىز يەنىلا غەيرەتكە كېلىشىمىز كېرەك، چۈنكى سىز بىماردا قاچان جىددىي ئۆزگىرىش پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز، شۇڭا ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇش كېرەك» دېدى سۈن جىدەن.
خۇددى سۈن جىدەننىڭ ئېيتقىنىدەك، بۇ ھەقىقەتەن بىر مەيدان جەڭ، لېكىن ياخشى يېرى، شۇنچە كۆپ ئادەم بىرلىكتە جەڭ قىلىۋاتاتتى.
«ھەممە ئادەم ئالدىراش، ھەممە ئادەم قۇربانلىق بېرىۋاتىدۇ، شۇڭا غەيرەت قىلىپ داۋاملاشتۇرساقلا ھامان ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى سۈن جىدەن.
ئەڭ خۇشاللىق ئىش بىمارنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققىنىنى كۆرۈش
2ـئاينىڭ 11ـكۈنى، سۈن جىدەن بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتقان 20ـكۈن، شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دىياگنوزى قويۇلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇ ئۇنى ۋە باشقا تېببىي خادىملارنى تولىمۇ ھاياجانغا سالدى. سۈن جىدەن يەنە بەزى بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
«شۇنچە كۈندىن بېرى جاپا چەكتىڭلار، بىزنى داۋالاپ ۋە ھالىمىزدىن خەۋەر ئالغىنىڭلارغا رەھمەت!» دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان چاغدا، بىر بىمار سۈن جىدەنگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتى.
سۈن جىدەن بىمارنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققىنىنى كۆرۈپ، ئىسمىنا ئالمىشىپ بولغاندىن كېيىن تاقەتسىزلىك بىلەن ئاپىسىغا بۇ خۇش خەۋەرنى ئېيتتى.
«مەن خەۋەرنى كۆردۈم، قىزىم سىلەر بەك قالتىس ئىكەنسىلەر، مېنىڭ ئوپېراتسىيە يارا ئېغىزىم ساقىياي دېدى، سىزمۇ بىزدىن ئەنسىرىمەڭ، خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەڭ!» دېدى ئاپىسى تېلېفوندا ئۇنىڭغا.
بىر چەتتىكى ئوغلىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا:«ئاپا، سىلەر بەك قالتىس ئىكەنسىلەر، ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، مەن ساۋاقداشلارغا، سېنى ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان قەھرىمان دەيمەن» دېدى.
«مەن يۇقۇمنىڭ بالدۇرراق تۈگەپ، بىمارلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېنىغا بالدۇرراق قايتىپ بېرىىشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەنمۇ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلەلەيمەن» دېدى سۈن جىدەن. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ئاپىسى بىلەن ئوغلىنى مەھكەم قۇچاقلايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلارنى تولىمۇ سېغىنغانىدى! (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)