تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ساختا، ناچار ماسكىنىڭ قىممىتى 500 مىڭ يۈەنگە يەتتى، قاراماي ساقچى تەرەپ دېلوغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بىر كىشىنى قولغا ئالدى

  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، توردا تەكشۈرۈش، تور سىرتىدا ئىزدەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى تۈرلۈك ئىقتىسادىي قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەردى.

  توردىن ئېلىنغان سۈرەت

      2- ئاينىڭ 2- كۈنى بۇ ئىدارىنىڭ ئىقتىسادىي رازۋېدكا تارماق ئەترىتى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، ساختا، ناچار ماسكا سېتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ، دېلوغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بىر كىشىنى قولغا ئالدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دېلوغا چېتىشلىق ۋۇ فامىلىلىك ئۇزۇن مۇددەت دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، «يۇقۇم» مەزگىلىدە، ۋۇ فامىلىلىك قاراماي شەھىرىدىكى مەلۇم كارخانىنىڭ بىر تۈركۈم داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا سېتىۋېلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن، ھەمدە بۇ كارخانا بىلەن سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

  ۋۇ فامىلىلىك دوستى ئارقىلىق سۈي فامىلىلىك بىلەن تونۇشۇپ، سۈي فامىلىلىكتىن 22 مىڭ 500 دانە مەلۇم ماركىلىق N95 ماسكىسى سېتىۋېلىپ، بۇ كارخانىغا سېتىپ بەرگەن بولۇپ، قىممىتى تەخمىنەن 500 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن. ھاۋالە قىلىنغان زاۋۇتنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، بۇ تۈركۈمدىكى ماسكىلار ساختا، ناچار مەھسۇلات دەپ بېكىتىلگەن.

  ساقچى تەرەپ يىپ ئۇچىنى چوڭقۇر قېزىش ئارقىلىق، ۋۇ فامىلىلىك زاپاس مال ساقلىغان يەر ئاستى ئۆيىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ۋە لاياقەتلىك بەلگىسى بولمىغان بىر قېتىملىق ماسكىدىن 10 مىڭنى، بىر قېتىملىق مۇداپىئە كىيىمىدىن 78نى، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى يوق باشقا ماركىدىكى 95 KN قاتلىما ماسكىدىن 1280نى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن.

  نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ رازۋېدكا قىلىنىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى