تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

قارا نىيەت! ئۈرۈمچى شەھىرىدە بەزىلەر ساختا، ناچار 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىدىن 60 توننىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقاردى

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەنپەئەتنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن، ما xx ھېچقانداق سالاھىيىتى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا ساختا، ناچار 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ياساپ ۋە سېتىپ قانۇنسىز پايدا ئالغان. يېقىندا، ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش ئامانلىق باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئاممىۋى قاتناش شۆبە ئىدارىسى دېيىلىدۇ) بىر ساختا، ناچار 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ياساش، سېتىش ئۇۋىسىنى بىراقلا بىتچىت قىلىپ، 380 كىلوگىرام ناچار 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن.

  جىنايەت گۇماندارىنىڭ ساختا، ناچار دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ساتقاندا ئىشلەتكەن ئاپتوموبىلى.

  2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاممىۋى قاتناش شۆبە ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى خىزمەت جەريانىدا بەزىلەرنىڭ ساختا، ناچار دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىپ ساتقانلىقى ھەققىدىكى بىر يىپ ئۇچىنى قولغا چۈشۈرگەن. خەلق ساقچىلىرى دەرھال تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 16 ۋە 20لەردە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ۋە مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدا ئوتتۇرىلىقتا سېتىش سودىگەرلىرىدىن ما xx، جاڭ xx نى تۇتۇپ، ناچار 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىدىن 38 تۇڭ (ھەربىر تۇڭى 10 كىلوگىرام)نى تۇتۇپ قالغان.

  ساقچى تەرەپ تەكشۈرگەن ساختا، ناچار دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى.

  2-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت ئىككىلەردە، خەلق ساقچىلىرى ئىككىيلەننىڭ تاپشۇرغانلىرى بويىچە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى بىر ئولتۇراق رايوندا ساختا، ناچار 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ياسىغان، ساتقان جىنايەت گۇماندارى ما xx نى تۇتقان.

  جىنايەت گۇماندارىنىڭ ساختا، ناچار دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىدىغان جايى.

  سوراق قىلىش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارى ما xx جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان، يۇقۇم تارقالغاندىن كېيىن، ئۇ تازىلىق ئىجازەتنامىسى، تىجارەت كىنىشكىسى، تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىق 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، مەلۇم 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى خام ماتېرىيالى زاۋۇتىدىن 20 توننا ئەسلىي سۇيۇقلۇق سېتىۋېلىپ، دەسلەپتە ياساپ، ئىشلەپچىقىرىلغان توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى، ئەينەك تازىلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ قاچىلاش ئەسۋابىنى ئىشلىتىپ، 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، ساختا، ناچار 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىدىن جەمئىي 60 نەچچە توننا ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىپ، 240 مىڭ يۈەنگە يېقىن قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشكەن.

  نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارى ما xx تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن «بىڭرۈيكې» ماركىسىدىكى 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئەۋرىشكىسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ باھالاپ بېكىتىشىگە تاپشۇرۇلغان، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېنىقلاش باسقۇچىدا تۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ