تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يۇقۇم ئاۋازسىز، مەن قول ئىشارىسى ئارقىلىق سىزنى قوغدايمەن

  يۈ چىلياڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرگە لوزۇنكا ئاسماقتا.

  يۈ چىلياڭ

  يۈ چىلياڭ تەۋەلىكتىكى ئاممىۋى رايوننى دېزىنفېكسىيەلىمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ يەنزى خەۋىرى، فوتوسى) ئۇنىڭ ئىسمى يۈ چىلياڭ، 34 ياش، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيە گۇچۇڭ بازار لومەنچىڭ مەھەللە كومىتېتىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 9 يىل بولدى.

  2020-يىلى چاغان مەزگىلىدە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ يۇقۇمغا قارشى بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى: ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، تەۋەلىكتىكى ئاممىۋى رايونلارنى دېزىنفېكسىيە قىلدى، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

  «17 يىلنىڭ ئالدىدا ئومۇمىي خەلق سارىسقا تاقابىل تۇرغاندا، مەن تېخى بىر ئوقۇغۇچى ئىدىم، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدىم، چۈنكى مەن مەھەللە خىزمەتچىسى، شۇنداقلا بىر پارتىيە ئەزاسى.» 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاۋازسىز زىيارەت داۋامىدا، يۈ چىلياڭ يېزىقچە بۇ سۆزنى ئەۋەتكەنىدى.

  يۈ چىلياڭ ئالتە ياش ۋاقتىدا قىزىتما سەۋەبلىك ئاڭلاش ئىقتىدارى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ قالغان ئىدى. ياخشى يېرى يۈ چىلياڭ ئۈمىدۋار، قەيسەر ئىدى.

  ئاھالىلەرگە ياردەملىشىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ئەخلەت تۆكۈش، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈ چىلياڭنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ئىدى. «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ماڭا دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ، بەزىدە قول ئىشارىسى ئارقىلىق ماڭا رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭدىن مەن تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن» دېدى ئۇ.

  ئالدىراشلا يۈرىدىغان يۈ چىلياڭ ئاھالىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا، ئۆزىگە ئوخشاش ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئانچە چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

  «شۇڭا مەن بارماق تىلى ۋىدىيوسى ئىشلەپ، ئۆزۈمگە ئوخشاش كىشىلەرگە قانداق قىلغاندا توغرا ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردۈم» دېدى يۈ چىلياڭ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يۈ چىلياڭ ئۈندىدار توپى قۇرۇپ، ھەر ۋاقىت ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئەۋەتىپ تەشۋىق قىلغان، ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ئاڭلاش ئىقتىدارى تۇسالغۇغا ئۇچرىغان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى توپقا ئەكىرىشكە چاقىرغان.

     «ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى، يۇقۇمنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، «بۇ تۈردىكى تەشۋىقات ناھايىتى مۇھىم»، «ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ شەخسىي مۇداپىئەنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشىغا پايدىلىق بولدى»، «بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى»... ئۈندىدار توپىدا قالدۇرۇلغان ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ، يۈ چىلياڭ كۈلۈپ كەتتى.

  «مەن بىر ئاساسىي قاتلام كادىرى، پارتىيە ئەزاسى، شۇنداقلا ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئادەم، بىز ئاۋازسىز دۇنيادا يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلساقمۇ، بىراق ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك چاقىرىقنى ھېس قىلالايمىز، ئۆزىمىزنى ياخشى قوغداپ، بىرلىكتە غەيرەت قىلايلى.» يۈ چىلياڭ خەتلىك ئۇچۇر قايتۇرۇۋاتاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ