تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭگە ئىئانە قىلىنغان 2 مىليون 250 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى تاپشۇرۇۋالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 12 دە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئىشخانىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سايباغ رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى دېيىلىدۇ) غا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى، ئورگان ۋەكىللىرى، مەھەللە ۋەكىللىرى، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ۋەكىللىرى كەلدى...ئۇلار مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە ئىئانە قىلىنغان پۇللارنى بۇ يەرگە يەتكۈزۈپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

شىنجاڭ دىۋاڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋەكىلى (سولدا) سايباغ رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە 2 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى.

  2 مىليون يۈەن، شىنجاڭ دىۋاڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ دىۋاڭ گۇرۇھى دېيىلىدۇ) نىڭ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئىئانە پۇلى. دىۋاڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جېڭ گۇاڭيوۋنىڭ دېيىشىچە، دىۋاڭ گۇرۇھى نۆۋەتتە سايباغ رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە دىۋاڭ گۇرۇھى نىشانلىق يۆلەيدىغان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن 3 مىليون يۈەن ئىئانە قىلغان. جېڭ گۇاڭيوۋ يەنە تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىرگە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاشقا مۇراجىئەت قىلدى.

يامالىق تېغى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى جۇ چۈنلىڭ (سولدا) تەۋەلىك رايوندىكى كادىر، ئاممىغا ۋاكالىتەن 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە پۇلىنى سايباغ رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

  72 مىڭ 340 يۈەن، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى يامالىق تېغى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ كۆڭلى.

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قوراللىق قىسىمنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چىنفاڭ (سولدا) بىلەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن قۇربان ھېسامىدىن (ئوڭدا) ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن 263 ھەربىينىڭ پۇل ئىئانە قىلغان تىزىملىكىنى كۆرسەتمەكتە.

  26 مىڭ 701 يۈەن، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى تەۋەلىك رايونىدىكى 263 نەپەر ھەربىي سەپتىن قايتقانلارنىڭ كۆڭلى.«بۇ بىز ھەربىي سەپتىن قايتقانلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سىپىدىكى خىزمەتچىلەرگە قىلغان ئىئانە پۇلىمىز، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنى ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. گەرچە پۇل كۆپ بولمىسىمۇ، بۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىز.» ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قوراللىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ چىنفاڭ ئىئانە پۇلىنى تاپشۇرۇپ بەرگەچ شۇنداق دېدى.

سايباغ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مەريەم ئابدۇكېرىم (ئوڭدا) سايباغ رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە كېلىپ، ئىدارىدىكى 109 نەپەر كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىگە ۋاكالىتەن پۇل ئىئانە قىلدى.

  47 مىڭ 950 يۈەن، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى 109 نەپەر كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ كۆڭلى...

سايباغ رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار پۇل ئىئانە قىلغان ئورۇن، پۇل سوممىسى قاتارلىقلارنى سېلىشتۇرماقتا.

  2 مىليون 251 مىڭ 525 يۈەن 7 مو 6 پۇڭ، بۇ 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 14 كىچە، سايباغ رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى تاپشۇرۇۋالغان جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى مېھرىبان زاتلارنىڭ ئىئانىسى. سايباغ رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى گۇ ۋېننا مۇنداق دېدى: «بىز باراۋەر، ئادىل، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ ئىئانە پۇلى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئىشلىتىمىز، قەرەللىك ھالدا پۇلنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئاشكارىلايمىز ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مېھىر-شەپقەتنىڭ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى