تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر ئائىلىدىكى بەش جان يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن نۇقتىلىق رايوندا تۇرۇپ، شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن قەستەن يوشۇرغانلىقتىن جازالاندى!

 شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى: 2- ئاينىڭ 12- كۈنى، بىڭتۇەن 3ـ شىسىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاندا شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن ھەم قەستەن ئەھۋالنى يوشۇرغان مەمۇرىي قانۇنغا خىلاپ دېلونى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

    تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2- ئاينىڭ 8- كۈنى تەۋەلىكتىكى ئاھالە لۇ فامىلىلىك، نيەن فامىلىلىك ئەر - خوتۇن ۋە ئۈچ پەرزەنتىنىڭ بىڭتۇەن 3- شىسى سەھىيە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى، مەھەللە كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كەسكىن ۋەزىيىتىنى ئېنىق ئۇقتۇرغان ئەھۋالدا، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئەنخۇيدىن يولغا چىقىپ، نۇرغۇن ئۆلكىلەردىن ئۆتۈپ، 2- ئاينىڭ 11- كۈنى سەھەردە 3- شى تۇمشۇق شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خادىملىرى قانۇن بويىچە ئۇلارنى تەكشۈرگەندە، لۇ فامىلىلىك قاتارلىقلار ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن، يۇقۇمغا چېتىشلىق نۇقتىلىق رايونلاردا تۇرغان ئەھۋالىنى قەستەن يوشۇرغان. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، لۇ فامىلىلىكنىڭ چوڭ قىزىدا قىزىش ئالامىتى كۆرۈلگەن، بىر سەپەردىكى بەش كىشىگە تېببىي ئايرىپ كۆزىتىش تەدبىرى قوللىنىلغان.

    لۇ فامىلىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ئەھۋال ئاستىدا قانۇن بويىچە ئېلان قىلغان قارار، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن، بىڭتۇەن 3ـ شىسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە  جازالاش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، لۇ فامىلىلىككە مەمۇرىي جەھەتتىن 10 كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەرگەن؛ نيەن فامىلىلىككە ئاگاھلاندۇرۇش، تەنبىھ بېرىش جازاسى بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى