تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خې ۋېي خەۋىرى) 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇلغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى، داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئايرىپ كۆزىتىش ئۆيى، ئۆلكىلەر ئارا ياكى شەھەرلەر ئارا كارانتىن قىلىش - تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق تۈرلەردىن يەر ئىشلىتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغانلىرىغا ئاۋۋال يەر ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ ئىشلىتىلگەن مەڭگۈلۈك يەرگە قارىتا، يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە ئىلتىماس سۇنۇپ، بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇش يېرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدىكەن، ياردەم بېرىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى «يەر ئىشلىتىش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دەپ ئېلىندى)، مۇنۇلارنى ئېنىق كۆرسەتكەن: 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش 1-دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ تەبىئىي بايلىق تارماقلىرى يەرلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، شۇ جايدىكى سەھىيە، ساغلاملىق تارماقلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش دوختۇرخانىسى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ۋاقتىدا ئالغا سىلجىتىپ، يەر ئىشلىتىش پىلانى، ئورۇن تاللاش، يەر ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار مۇلازىمەت خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى، داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئايرىپ كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدىغان ئۆي، ئۆلكىلەر ئارا ياكى شەھەرلەر ئارا كارانتىن قىلىش- تەكشۈرۈش پونكىتىنى يېڭىدىن قۇرۇش ياكى كېڭەيتىش قاتارلىق تۈرلەرگە جىددىي يەر ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئاۋۋال ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جىددىي ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئىشلىتىلگەن مەڭگۈلۈك يەرگە قارىتا، يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە ئىلتىماس سۇنۇپ، بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇش يېرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك؛ ۋاقىتلىق ئىشلىتىلگەن يەرلەرنى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈش ھەمدە ئەسلىدىكى يەر ئىشلەتكۈچىگە تاپشۇرۇپ بېرىش، يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلاش رەسمىيىتىنى يەنە بېجىرمەسلىك كېرەك؛ يەر ئېلىشقا چېتىلىدىغانلىرىغا، «يەر باشقۇرۇش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، يەر ئېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېرى ئېلىنغان دېھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تۈرىگە ئورۇن تاللاش خىزمىتىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېجەشلىك ۋە تۈجۈپىلىك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىمكانقەدەر ساقلانما قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئاز ئىگىلىشى ياكى ئىگىلىمەسلىكى، ئاساسىي ئېتىزلار ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، تۈرلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرىغا تەگمەسلىكى كېرەك. تۈرگە يەر ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا يەر ھوقۇقى ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىش ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم بېرىش كېرەك. دۆلەت يىللىق يەردىن پايدىلىنىش پىلان كۆرسەتكۈچىنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن، 2020-يىلى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇش يېرى ئىشلىتىش پىلان كۆرسەتكۈچىنى ئالدىن ئىشلىتىپ، يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى