تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

【ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى】 مېۋە-چېۋە ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش

  شىنجاڭ خوڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە بىر قىسىم باغۋەن پىدائىيلار ئىئانە قىلىنىدىغان مېۋىلەرنى تاللاپ ئوراپ قاچىلىماقتا (2-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). ئالمىنى ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا تېزدىن يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بۇ شىركەتتىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە پىدائىيلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە بارلىق ئوراش ۋە قاچىلاش خىزمىتىنى تاماملىدى.

  2-ئاينىڭ 11-كۈنى، 210 توننىدىن ئارتۇق ئاقسۇ ئالاھىدە مېۋە-چېۋىلىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئەترىتى خۇبېي ۋە جېجياڭغا قاراپ يولغا چىقتى. ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىئانە قىلغان ماددىي ئەشيالار ئىچىدە 154 توننا ئالما، 10 توننا چىلان، 30 توننا نەشپۈت، 16 توننا ياڭاق بار، جەمئىي 210 توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليون 32 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى