تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 2- ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 0 دىن 24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن ئىككىسىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكىنى، ئىككىلىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلدى، دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللىك مىسالىدىن ئۈچى يېڭىدىن كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، بىرى ئىلى ئوبلاستىدىكى كېسەللىك مىسالى، بىرى ئاقسۇدىكى كېسەللىك مىسالى، بىرى بىڭتۇەن 7-شىسىدىكى كېسەللىك مىسالى ئىكەن.
2- ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدىن جەمئىي 65نى دوكلات قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 46ى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە 19ى بار ئىكەن. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىساللىرى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 23ى، ئىلى ئوبلاستىدا 14ى، تۇرپان شەھىرىدە بىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بىرى، سانجى ئوبلاستىدا تۆتى، بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئۈچى؛ بىڭتۇەن 7-شىسىدە بىرى، بىڭتۇەن 8-شىسى شىخەنزە شەھىرىدە ئىككىسى، بىڭتۇەن 9-شىسىدە تۆتى، بىڭتۇەن 6-شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرىدە بىرى، بىڭتۇەن 12-شىسىدە بىرى، بىڭتۇەن 4-شىسىدە 10ى بار ئىكەن. ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللىك مىسالىدىن جەمئىي ئالتىسى، ئۆلۈپ كەتكەن كېسەللىك مىسالىدىن بىرى بار ئىكەن. دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللىك مىساللىرى ئىچىدە، ئىككىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن، بىرى تۇرپان شەھىرىدىن، بىرى ئىلى ئوبلاستىدىن، بىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن، بىرى بىڭتۇەن 7-شىسىدىن ئىكەن.
ھازىر دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتقانلار 58 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېغىر كېسەللىك مىسالىدىن 10ى، خەتەرلىك كېسەللىك مىسالىدىن تۆتى بار ئىكەن. نۆۋەتتە، 4622 كىشى تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.