تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭلىق گۈلى» ۋۇخەندە دوختۇرخانىدا ئاغرىقلارغا باشلامچىلىق قىلىپ ئۇسسۇل ئويناپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بەردى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن خەۋىرى، فوتوسى، فىلىمنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن): تونۇش ھەم شادىيانە مەشرەپ مۇزىكىسى ساداسى ۋۇخەن شەھەرلىك چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىدا ياڭرىدى، ئۇچىسىغا مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن «شىنجاڭلىق گۈلى» قوللىرىنى يەڭگىل كۆتۈرۈپ، مۈرىسىنى ئوينىتىپ، گۈزەل ئۇسسۇل قىياپىتىنى نامايان قىلدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ يېنىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن يۈزگە يېقىن ئاغرىق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قىزغىن ئۇسسۇلغا چۈشتى، پات-پات ياڭراپ تۇرغان ئالقىش سادالىرى بىلەن كۈلكە سادالىرى پۈتكۈل كېسەل رايونىدا ياڭرىدى.

  2-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭنىڭ 2-تۈركۈمدە خۇبېي ئۆلكىسىگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى مەسئۇل بولغان ۋۇخەن شەھەرلىك چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسى (ۋۇخەن مەدەنىيەت يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى)نىڭ C رايونىدا ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، كېسەل رايونى داۋالاشقا قوبۇل قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يېنىك دەرىجىدە يۇقۇملانغان 200گە يېقىن ئاغرىقنى كېسەللىككە «كۈلۈمسىرەپ» مۇئامىلە قىلىپ، سالامەتلىكىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پائال ماسلىشىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالغان فىلىمدىكى ئۇسسۇل باشلامچىسى «شىنجاڭلىق گۈلى» دەل مەزكۇر داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى، ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى باھارگۈل تولقىن ئىدى. «ئىلگىرى گەرچە ئۇسسۇل ئاساسىم بولسىمۇ، خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا ئوينىمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپتىكەن، تۈنۈگۈن كەچ جىددىيلەشكىنىمدىن ئەينەككە قاراپ خېلى ئۇزۇن مەشىق قىلدىم» باھارگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھېلىمۇ ياخشى ئاسانلا ئەسلىمگە كېلىۋالدىم، ئەمما كېسەل رايونىغا كىرىپ قېلىن مۇداپىئە كىيىمىنى كىيگەندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنىم كېلەڭسىزلىشىپلا كەتتى، بۇمۇ بىر خىل سىناق بولدى.

  ئاغرىقلارغا شىنجاڭ ئۇسسۇلىدىكى نەپىس، كۆركەم بويۇن ئېتىش، بېغىش ئىگىش، بىلەك ئوينىتىش، بەل ئىگىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، باھارگۈل ھەر بىر ھەرىكەتنى ئادەتتە ئۇسسۇل ئوينىغانغا قارىغاندا تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن، تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئىپادىلىدى. ئىككى-ئۈچ ئۇسسۇل مۇزىكىسى تۈگىگىچە، ئۇ دىمىق مۇداپىئە كىيىمى ئىچىدە لىق تەرگە چۆمۈپ كەتتى، ھاسىرىغىنىدىن قوغدىنىش ماسكىسى ھوردىنىپ، ئۇدۇلىدىكى ئاغرىقلارنىڭ چىراي ئىپادىسىنى ئېنىق كۆرەلمەي قالدى، لېكىن قۇلىقىغا ئاڭلىنىپ تۇرغان ئالقىش سادالىرى ئۇنى ھەسسىلەپ ھاياجانغا سالدى.

  «بىز مەسئۇل بولغان كېسەللىك رايونى قوبۇل قىلغان ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يېنىك دەرىجىدە يۇقۇملانغان ئاغرىقلار، ئۇلارغا نىسبەتەن تېببىي جەھەتتىن ئايرىۋېتىش ۋە داۋالاشتىن سىرت، روھىي جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىش، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇش، ئۇلارنى باتۇرلۇق بىلەن كېسەلگە قارشى تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم» باھارگۈل مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ 2-تۈركۈمدە خۇبېي ئۆلكىسىگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 102 نەپەر تېببىي خادىم 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە ۋۇخەنگە يېتىپ كەلدۇق، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋۇخەن شەھەرلىك چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىغا كىرىپ تۇرۇش بېكىتىلگەندىن كېيىن، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پائال تەييارلىق كۆرۈشنى باشلىدۇق.

  نەچچە كۈن ئىلگىرى، باش يېتەكچى چېن خۇي ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى باشلاپ توشۇغۇچى، قارا ئىشچى بولدى، پەرۋىش خادىملىرىنى شەخسىي قوغدىنىش بويىچە نەچچە مەيدان تەربىيەلەشكە تەشكىللىگەندىن باشقا، ھەر كۈنى نەچچە ئون گۇرۇپپىدا ئوكسىگېن تۇڭى، تاتلىق سۇ تۇڭى، داۋالاش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىدىن يۈزدىن ئارتۇقنى كېسەل رايونىغا ئېلىپ كىرىپ، تۈرلۈك تەييارلىق كاپالەت خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىدى. چېن خۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە داۋالاش ئەترىتى كېسەل كۆرۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ، ئىككى كۈن ئەمەلىي جەڭ قىلىپ كۆنۈش ئارقىلىق، ھەر قايسى نۆۋەتلىك داۋالاش-پەرۋىش خىزمىتىنى تېزدىن ئىزىغا چۈشۈردۇق، ئاغرىقلار ئايرىۋېتىلگەن مەزگىلدە نورمال ھەرىكەت قىلىشى، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئويلىشىپ، بۇ قېتىمقى شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيىتىنى پىلانلىدۇق، ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر باھارگۈل تەبىئىي ھالدا ئۇسسۇلغا يېتەكچىلىك قىلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى.

  «شىنجاڭ داۋالاش ئەترىتىگە رەھمەت، بىرىنچى قېتىم نەق مەيداندا بۇنداق گۈزەل شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى كۆرۈشۈم، ناھايىتى ئالقىشلايمەن!» «‹شىنجاڭلىق گۈلى›گە ئەگىشىپ نەچچە بۆلەك ئۇسسۇل ئوينىغاندا، ئادەم باشقىچە يەڭگىل بولۇپ، خۇشال بولىدىكەن!» «گەرچە كېسەللىك رايونىدا ئايرىۋېتىلگەن بولساقمۇ، سىلەر شۇنچە يىراقتىن بۇ يەرگە كېلىپ بىزگە ياردەم قىلدىڭلار، مېنىڭ كېسەلدىن غالىب كېلىشكە ئىشەنچىم ئىنتايىن زور! دوختۇرخانىدىن چىقىپ سىلەرنى ئۆيگە كېلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىمەن!»... ئاغرىقلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن ئېيتقان مىننەتدارلىق سۆزلىرى باھارگۈلنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى، ئۇ پۈتۈن بەدىنى تەرگە چۆمۈپ كەتكەن بولسىمۇ، داۋاملىق كېسەللىك رايونىدا ئاغرىقلارغا مەدەت بېرىپ، ئۇلارنى ساقايغاندىن كېيىن گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ ئويناشقا، تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭلىق گۈلى»لەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى