تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى داۋالاشقا قاتنىشىپ ساقايتقان تۇنجى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى دوختۇرخانىدىن چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: «خۇش خەۋەر، بىز داۋالاشنى باشلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقى تۈنۈگۈن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى» دېدى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانا نەپەس بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى مۇ چىڭشۇاڭ تېلېفوندا مۇخبىرغا.

مۇ چىڭشۇاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاغرىق ھامىلىدار بولغىنىغا 30 ھەپتە بولغان ھامىلىدار ئايال بولۇپ، 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى، دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنىپ داۋالانغان. «ھامىلىدار ئايالنى داۋالاشنىڭ قىيىن نۇقتىسى دورا تاللاشتا، ھەم كېسەللىك ئەھۋالىنى تىزگىنلەش، ھەم قورساقتىكى ھامىلىگە بولغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.» مۇ چىڭشۇاڭ مۇنداق دېدى: شۇ سەۋەبلىك مەن شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5 - دوختۇرخانا ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى يۈەن لى، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋېي مىن باشچىلىقىدىكى كوللېكتىپ بىلەن كۆپ قېتىم بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ مۇزاكىرە قىلدۇق. بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش كوللېكتىپى ھامىلىدار ئايالغا ئەكس تەسىرى ئەڭ كىچىك بولغان ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى تاللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەپەس سىستېمىسىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، پەرۋىش جەھەتتە ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ھەم ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش - ئۆلچەش قېتىم سانىنى كۆپەيتتى. 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 12 كۈن داۋالاش ئارقىلىق، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئىككى قېتىم قايتا تەكشۈرۈش مەنپىي چىقىپ، بۇ ئاغرىق دۆلەتنىڭ ئەڭ يېڭى داۋالاش لايىھەسى بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەل مىسالىنى ئايرىۋېتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

«بىرىنچى ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئىكەن، ئىككىنچى، ئۈچىنچىلىرىمۇ بولىدۇ... بىزنىڭ بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە بالدۇرراق غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز بار!» دېدى مۇ چىڭشۇاڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

شىنجاڭنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى لۇ چېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ داۋالاش ئەترىتىمۇ داۋالاشنى باشلىدى ھەم ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى شەرقىي دوختۇرخانىسىنىڭ ئىككى كېسەل رايونىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقىدىن 69نى داۋالاۋاتىدۇ، ھەممىسى دېگۈدەك ئېغىر ئاغرىقلار، دوختۇرلار ئىككى ئىسمېنا بولۇپ، پەرۋىش خادىملىرى تۆت ئىسمېنا بولۇپ ئالمىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 102 پەرۋىش خادىمىنىڭ ۋۇخەن مەدەنىيەت يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىنىڭ C رايونىدا داۋالاش باشلىغىنىغا ئۈچ كۈن بولدى. 2 - تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى چېن خۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە بۇ «شىنجاڭ ئەترىتى» يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يېنىك كېسەل ئاغرىقىدىن 195نى پەرۋىش قىلىۋاتىدۇ، كېسەل رايونىدا جەمئىي 230 كارىۋات بار بولۇپ، داۋاملىق كېسەل قوبۇل قىلىپ داۋالاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ئەترەت ئەزالىرىنىڭ كېسەل رايونىدا پەرۋىش قىلىش خىزمىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىشى ئۈچۈن، داۋالاش ئەترىتىدىكى 31 پارتىيە ئەزاسى چاسا بۆلمە C رايونىدىكى تېببىي خادىملار ۋە ئاغرىقلارنىڭ ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىىگە ئالدى، تۆت ئىسمېنا بولۇپ ئالمىشىدىغان پەرۋىش خادىملىرىمۇ بۆلمىدىن چىققاندىن كېيىن بەس - بەستە ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا ياردەملىشىشكە تىزىملاتتى. «ھەر كۈنى بۇ رايوننىڭ چاسا بۆلمىدىكى ئاغرىقلار تەمىنلىنىدىغان ئىچىدىغان ساپ سۇدىنلا 200 تۇڭ توشۇلىدۇ» دېدى چېن خۇي.

«بىز يېڭىدىن قوبۇل قىلىپ داۋالاۋاتقان ئاغرىقلارنىڭ تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق، بۈگۈن بىزنىڭ داۋالاش ئەترىتىمىزنىڭ ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتىمۇ چاسا بۆلمىگە كىرىپ ئۇلارغا تەشۋىق - تەربىيە قىلدى ۋە پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلىدى، ئاغرىقلار بىلەن شىنجاڭچە ئۇسسۇل ئويناپ، ئۇلارنى ساغلام، ئاكتىپ پىسخىك ھالەت بىلەن يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا يېتەكلىدى، بۇنىڭدىن كېيىن داۋالاش ئەترىتى كۈندە كېسەل رايونىدا ئاغرىقلارنى تۈرلۈك بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قىلىشقا يېتەكلەيدۇ» دېدى چېن خۇي.

شۇ كۈنى، چاسا بۆلمە C رايونىدىكى 70 نەچچە ئاغرىق ئارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن داۋالاش ئەترىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىرلىكتە پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ قىيىن ئۆتكەلدىن بىللە ئۆتۈش جەڭگىۋار روھنى ئورغۇتتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى