تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

​يان تېلېفوندا زاكاز قىلسا، كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرى مالنى ئۆيگىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شىن، يىن تۇڭيۈەن خەۋىرى) يەشىك-يەشىك، خالتا-خالتىلاردىكى بەسەي، ياڭيۇ، سەۋزە... رېن سەنخۇا ۋە دۇكان خادىملىرى يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىدىكى يېڭى كۆكتاتلارنى ئۆيگىچە يەتكۈزۈپ بەردى. كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىدا ئېلېكترونلۇق سودا بويىچە توردا سېتىش مۇلازىمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، دۇكان خۇجايىنى رېن سەنخۇا بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  2-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 11دە، مۇخبىر ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) قەشقەر شەرقىي يولىدىكى خۇايۈەن بوياشىنيۈەن مەھەللىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا جايلاشقان كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىغا كەلگەندە، دۇكاندا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەن ئىدى. «يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە توردا كۆكتات سېتىشنى باشلىغاندىن بۇيان، بىز مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن ئاھالىلەرنىڭ زاكاز ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆكتاتلارنى تەييارلاپ، ئائىلىسىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ زاكازىنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىمىز، شۇڭا ھەممىمىز ئالدىراش بوپكەتتۇق»دېدى رېن سەنخۇا.

  ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە تەۋەلىك رايوندىكى ئاھالىلەرنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايون(يېڭىشەھەر رايونى)لۇق سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى) يۇمشاق دېتال ئېچىش شىركىتى، مەھەللە بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تىجارەت كارخانىسى بىلەن بىرلىشىپ توردا مال سېتىش سۇپىسى ئېچىپ، ئاھالىلەرنى يان تېلېفوندا زاكاز قىلىپ كۆكتات سېتىۋالىدىغان قۇلايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمان قىلغان.

  نۆۋەتتە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىنىڭ تىجارىتىگە ئۈرۈمچى چاڭرۇڭ لىتۇڭ سودا چەكلىك شىركىتى مەسئۇل بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ ئۇچۇر مۇھاپىزەت خىزمىتىگە مەسئۇل دېڭ جىدۇڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر، مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش سۇپىسىنى قۇرۇش تاماملاندى، ئاھالىلەر يان تېلېفوندا زاكاز قىلسا بولىدۇ، بىز كۆپچىلىكنىڭ زاكاز ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر تۇتاش تەييارلايمىز، ھەر قايسى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرى كۆكتاتلارنى ئۆزلىرىنىڭ دۇكىنىغا يۆتكەپ كېلىپ، زاكاز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ».

  «ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەر ئىلگىرى كۆكتات سېتىۋالماقچى بولسا، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرغا تىزىملىكىنى بەرسە، ھۆددىگە ئالغان كادىر سېتىۋېلىپ يەتكۈزۈپ بېرەتتى» دېدى قەشقەر شەرقىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قەشقەر شەرقىي يولى مەھەللە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تاۋ شىنشىن، «ھازىر ئاھالىلەر توردا زاكاز قىلغاندىن كېيىن، مال يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسى يەتكۈزگەندىن سىرت، كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرى ئۆزلىرىمۇ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ