تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۈەن شياۋلى خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ پوچتىسى دېيىلىدۇ)، شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز توشۇش چەكلىك شىركىتى، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى نورمال تىجارەت قىلىش ئاساسىدا، باشقا تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرىمۇ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ پوچتىسى چاغان مەزگىلىدە نورمال تىجارەت قىلىپ، يەتكۈزۈش ۋە پۇل مۇئامىلە يېشىل يولىنى ئېچىپ، جىددىي ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئالدىن يەتكۈزگەن.

  1-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى پوچتىدىن ھەقسىز يەتكۈزۈش يولغا قويۇلۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىندى. 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، ئېغىرلىقى 475.53 توننا كېلىدىغان 50 مىڭدىن ئارتۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشياسى يەتكۈزۈپ بېرىلدى. پوچتا يوللانمىلىرىنى نورمال قوبۇل قىلىش، يەتكۈزۈش، يەنە پوچتا يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەرت ھازىرلىغان تور نۇقتىلىرىنىڭ نورمال تىجارەت باشلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىندى.

  2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، شىنجاڭ پوچتىسى ئادەتتىكى مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 252سى تىجارەت باشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە تور نۇقتىسىدىن 23ى بار، ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيەدىن يۇقىرى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ ھەممىسى نورمال تىجارەت قىلدى.

  شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز يەتكۈزۈش چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى تېببىي دورا شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ مۇداپىئە كىيىمى، ماسكا، ساغلاملىق بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى.

  جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى شۇ جايدىكى ئىسكىلات زاپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەركىزىي شەھەردىكى ئاممىغا داۋالاش، مۇداپىئە بۇيۇملىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى، ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئاممىنىڭ توردىن سېتىۋالغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ يۇقىرىدىكى كارخانىلاردىن باشقا، شېنتۇڭ، يۈەنتۇڭ قاتارلىق باشقا كارخانىلاردىن ئىگىلىشىچە، يەتكۈزۈش يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى ياخشى قىلىش ۋە ئابونىچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ھەرقايسى كارخانىلار پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى كۈتۈۋېتىپتۇ.

  «ھازىر، بىز تۈرلۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈۋاتىمىز. ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى تولۇق تەييارلاش، مەيدان ھازىرلاش، خادىملارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەشغۇلات ئەندىزىسىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ماددىي ئەشيالارنى يۇقىرى ئۈنۈمدە توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.» دېدى شىنجاڭ جياڭنەن شېنتۇڭ ئەشيا ئوبوروت چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى