يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن،
ئۆيدىن چىقماسلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى «ئۆلچەملىك ھالەت»ىگە ئايلاندى.
كۆپچىلىكنى ئۆيىدە خاتىرجەم تۇرغۇزۇش،
كۆپچىلىكنى ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن،
بىر قىسىم مەھەللە خىزمەتچىلىرى «ۋاكالىتەن مال سېتىۋالغۇچى»، «يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلغۇچى»غا ئايلىنىپ،
گۈرۈچ، ئۇن، ياغ سېتىۋېلىشتىن سۇ، توك ھەقلىرىنى تۆلەش، ئەخلەتلەرنى تۆكۈشكىچە،
ئومۇمەن ئاھالىلەر ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار ئورۇنلىدى.
شۇنداقتىمۇ، بەزى ئاھالىلەر مۇنداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:
پىشۇرۇلغان توخۇ پاچىقى،
يېڭى توخۇ قانىتى،
تاماكا، پىۋا،
چاۋمىفېن،
بەلگىلەنگەن ماركىلىق كونسېرۋا،
ھەركۈنى يېڭى مېۋە يېيىش
...…
بۇلار ئېنىقكى ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن تەلەپلەر،
بەزى ئاھالىلەر تىزىپ چىققان تىزىملىكتىكى بۇيۇملارنىڭ ئېغىرلىقى نەچچە ئون كىلوگىرامغا يېتىدۇ،
بەزى ئولتۇراق رايونلاردا لىفىت يوق بولغاچقا،
مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۇ نەرسىلەرنى نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ بىناغا ئېلىپ چىقتى.
يەنە بەزىلەر ئۆزى دېگەن تەمدىكى نەرسىلەرنىڭ سېتىۋېلىنمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ،
مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە خېلىلا كوتۇلداپ نارازى بولدى، ئۇلار بۇنى «ئاددىي ئىش» دەپ ئويلىدى.
بەزى ئاھالىلەر تەشەببۇسنامە چىقىرىپ
كۆپچىلىكنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىپ
بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يېتىپ
ئازراق ئاغرىنىپ
كۆپرەك چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلدى
ئالاھىدە مەزگىلدە،
ئادەتتىكىدەك تۇرمۇش ئۆلچىمىگە يېتىش ھەقىقەتەن سەل تەس،
ئەمما بىز بۇ خىل قىيىنچىلىقنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.
بىز ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساقلا،
قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتەلەيمىز!
ئۆيدىن چىقمايۋاتقان دوستلار،
ئۆيدە سالاپەت، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ
بىر خىل تۆھپە قوشۇشتۇر!
(ماقالىنى مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، پىراكتىكانت خې يۈتىڭ تەييارلىغان، سۈرەتلەر قاراماي گېزىتى ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىندى)