تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

【ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى】 68 ياشلىق بوۋاي ۋۇخەنگە 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ تېزرەك ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دەي شياۋيې، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ خاۋخاۋ، ما يۆبا خەۋىرى، فوتوسى): «مەن بۇ پۇللارنى ۋۇخەنگە ئىئانە قىلماقچى، ماڭا ياردەم قىلالامسىلەر؟» بىر قىزىل قەغەز خالتا، نەق 100 مىڭ يۈەن! 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىلىرى بىر ئالاھىدە ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالدى: 68 ياشلىق بىر بوۋاي 100 مىڭ يۈەننى ۋۇخەندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارغا ۋە ئاغرىقلارغا ئىئانە قىلىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قانداق ئىئانە قىلىشنى بىلمىگەنىدى.

  بۇ بوۋاي يېڭىشەھەر يېزىسى چىلانباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى راخمان ئابدۇرېھىم بولۇپ، يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ھەر كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە دىققەت قىلدى، ۋۇخەندە يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ھەر قايسى جايلاردىكى تېببىي خادىملارنىڭ ۋۇخەندىكى بىرىنچى سەپتە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بوۋاي ھەم تەسىرلەندى ھەم تىت-تىت بولدى.

  «مەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلىدىم» دېدى راخمان، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئۈچ توننىدىن ئارتۇق چامغۇرنىڭ بازىرى كاساتلاشقاندا، كەنت ئاھالە كومىتېتى پۈتۈن كەنت كادىرلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، قەھرىتان سوغۇققا قارىماي ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يىغىشىپ بەردى ھەم ھەممىسىنى سېتىشىپ بەردى؛ ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى كالا-قويلارغا يەم-خەشەك كەمچىل بولغاندا، كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى تەرەپ-تەرەپتىن بىر ئاپتوموبىل يەم-خەشەك سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردى. ئۇلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا تەرەپ- تەرەپتىن كەلگەن ياردەملەر بىلەن، بىر ئائىلە كىشىلىرى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، بوۋاي ئوغلى ئابلا راخمان بىلەن بىللە چارۋا باقمىچىلىقى ۋە مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، ئائىلىسى ھەر يىلى 200 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىدۇ، راخمان مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، يەنە بىزگە ياردەم بەرگەن ئاشۇ كىشىلەر بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك مول بولغان ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى.

  ھازىر، ۋۇخەن كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇۋاتقاندا، بوۋايمۇ ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرالىشىنى ئۈمىد قىلدى. قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، راخمان بوۋاي بىرىنچى سەپكە 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدى، بۇ ئاز سان ئەمەس، لېكىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى قوللىدى.

  2-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئابلا دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ يېڭىشەھەر يېزىلىق ھۆكۈمەتكە كەلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: دادام ئەزەلدىن باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ، يىل بويى كەنتتىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىدۇ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە خۇشاللىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. «دادام ماڭا دۆلىتىمىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىشىمىز كېرەك، دەيدۇ».

  راخماننىڭ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يېزىلىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى دەرھال بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، كورلا شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، پۇل ئىئانە قىلىش يولىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بانكا بىلەن ئالاقە قىلىپ «يېشىل يول» ئاچتى. نۆۋەتتە، بۇ 100 مىڭ يۈەن مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پۇلى ۋۇخەن شەھەرلىك خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇلدى.

  شۇ كۈنى كەچتە، مۇخبىر راخمان بىلەن ئالاقىلاشتى، ئۇ تېلېفوندا قىزىنىڭمۇ دوختۇر ئىكەنلىكىنى، شۇنچە كۆپ تېببىي خادىمنىڭ بەس-بەستە بىرىنچى سەپكە ئاتلانغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يۇقۇمنىڭ تېزرەك ئۆتۈپ كېتىشىنى، ئاغرىق ئازابى تارتىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى، بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ