تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ كەنتلەردىكى مۇلازىمەت ئەترەتلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارقا سەپ كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مىن، ۋىدىئونى چاغانتوقاي ناھىيەلىك يۇغۇرما تەرەققىيات مەركىزى تەمىنلىگەن) 2-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتە، ليۇ جۈنيوۋ چۈشلۈك تاماق يەپ بولۇپ، رادىيونى ئېچىپ، ھەر كۈنى ئاڭلايدىغان يۈجۈ تىياتىرىنى قويۇپ، دېرىزە سىرتىدىكى يىغىلىپ قالغان قارغا قاراپ، كۆڭلىدە: «قار بەك قېلىن يېغىۋاتىدۇ، كەنتتىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بۈگۈن كېلەلمەسلىكى مۇمكىن» دەپ ئويلىدى.

  ليۇ جۈنيوۋ شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەسى جاڭگىسى يېزىسى جاڭگىسى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندىن كېيىن، سىرتتا ئىشلەۋاتقان پەرزەنتلىرى ۋاقتىدا كېلەلمەي، ئۆيىدە يالغۇز تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، ھېلىمۇ ياخشى كەنتتىكى پىدائىيلار ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە  كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلدى.

  ليۇ جۈنيوۋ بۇلارنى ئويلىغىنىدا، كۆڭلى ئىللىپ، قوشۇمىسى ئۈستىدىكى قورۇقلار سەل ئېچىلىپ قالاتتى، ئۇ يۈجۈ تىياتىرىدىكى ئاھاڭغا غىڭشىپ، كەنتتىكى چوڭ كانايدا قايتا-قايتا ئاڭلىتىلىۋاتقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئاڭلاپ، ئۆيىنى تازىلىماقچى بولدى، بۇ چاغدا ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

  ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن، ليۇ جۈنيوۋ زىيارەتكە كەلگەن پىدائىي ۋاڭ يۈچىن بىلەن ما پىڭغا قاراپ ئۆزىنى باسالماي: «شۇنچە قېلىن قاردا يولدا مېڭىش تەس تۇرسا، سىلەر يەنە كەپسىلەرغۇ؟» دېدى.

  پىدائىي ما پىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا: «بوۋا، بۇ كۈنلەردە بىز ھەر كۈنى كېلىمىز، ئاساسلىق مەقسىتىمىز بەدەن تېمپېراتۇرىڭىزنى ئۆلچەپ، سالامەتلىكىڭىز ۋە تۇرمۇشىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ تۇرۇش» دېدى.

  ئارقىدىنلا، ما پىڭ تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابىنى چىقىرىپ، ليۇ جۈنيوۋنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، «36.3 سېلسىيە گىرادۇس، نورمال. ليۇ بوۋا، بۇ بىز سىزگە ئېلىپ كەلگەن تۇز ۋە ئاچچىقسۇ، تۈنۈگۈن سىزنىڭ تېتىتقۇلىرىڭىزنىڭ تۈگەي دەپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق» دېدى.

  «ھېچنىمە كەم ئەمەس، سىلەرنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم، ھاۋا بەك سوغۇق، يولدا سوغۇق ئۆتكۈزۈۋالماڭلار». نەچچە كۈندىن بۇيان، پىدائىيلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈشى ليۇ بوۋاينى خىجىل قىلىپ قويدى.

  «ھېچقىسى يوق، بوۋا، بۇ بىر نەچچە كۈندە بىز سىزنى دائىم يوقلاپ تۇرىمىز، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.» ماڭىدىغان چاغدا، ما پىڭ ليۇ جۈنيوۋغا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى يەنە بىر قېتىم تاپىلىدى.

  «يۈرۈڭ، بىز كېيىنكى ئۆيگە بارايلى.» ما پىڭ بىلەن ۋاڭ يۈچىن قار كېچىپ كەڭ كەنت يولىدا مېڭىپ، يەنە بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە كەلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، چاغانتوقاي ناھىيەسىدە كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن 300 كىشىلىك پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ پىدائىيلار ناھىيەدىكى 56 كەنت، ئەترەتتىكى كەنت ئاھالىلىرىدىن تەركىب تاپقان ئىكەن، ھەر بىر كەنتتە ئاز دېگەندە بەش كىشى بار ئىكەن، ئۇلار ھەر كۈنى پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرى توردا زاكاس قىلغان كۆكتاتلارنى يەتكۈزۈپ بېرىش، پۈتۈن كەنتتىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئاممىۋى رايونلاردىكى سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى، ھەتتا بىر قاپ تۇز سېتىۋېلىشقىچە بولغان مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۈستىگە ئالغانىكەن.

  جاڭگىسى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، پىدائىي ۋاڭ يۈچىن مۇنداق دېدى: «ھامىنى بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەك، ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ھالقىلىق پەيت، كۆپچىلىك بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، يۇقۇمنىڭ بالدۇرراق ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى